چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپ 1961-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق يولىدا قۇرۇلغان، شەھەر قارمىقىدىكى كادىرلار پەرزەنتلىرى ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بىۋاستە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ دەپ ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپ

خەنزۇچە نامى :乌鲁木齐市第十小学

قۇرۇلغان ۋاقتى :1961-يىلى

ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولى 80-نومۇر

پوچتا نومۇرى :830001

مەكتەپ ھەققىدە

1961-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق يولىدا قۇرۇلغان، شەھەر قارمىقىدىكى كادىرلار پەرزەنتلىرى ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بىۋاستە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ دەپ ئاتالغان، شەھەرلىك مىللىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى رەھبەرلىك قىلاتتى. مەكتەپ ئادرېسى ھازىرقى شىمالىي ئىتتىپاق يولى 4-كوچا بولۇپ، 1968-يىلى ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. 1969-يىلى 12-ئايدا تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1976-يىلى ئۇيغۇر سىنىپى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇر، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 23755 كۋادرات، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 4320 كۋادرات مېتىر. مەكتەپنىڭ 1999-يىلىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 117 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 2541 نەپەر.ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏