چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچ مەكتەپ 1957-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقى قاراماي يولىدا قۇرۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچ مەكتەپ

خەنزۇچە نامى :乌鲁木齐市26所中小学

قۇرۇلغان ۋاقتى :1957-يىلى 9-ئاي

ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقى قاراماي يولى

ھەققىدە

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچ مەكتەپ 1957-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقى قاراماي يولىدا قۇرۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ، ئوقۇتۇشتا خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، سايباغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىغا تەۋە. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 7279 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 5899 كۋادرات مېتىر. 1999-يىلىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى 83 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 35) بىر ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى، تۆت تەييارلىق سىنىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچى سانى 1470 نەپەر.

 1995-يىلى مەملىكەتلىك كىچىك بۈركۈت پائالىيىتىدە قىزىل بايراق چوڭ ئەترىتى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتىپى دەپ ئاتالغان.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏