چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1966-يىلى 8-ئايدىن 1969-يىلى 11-ئايغىچە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاندېس رايونىدىكى بىرنەچچە دۆلەت كۆپ قېتىم جەم بولۇپ رايون ھەمكارلىقى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، «كىچىك رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىش كېلىشىمى» نى ماقۇللاپ، ئاندېس ئىتتىپاقىنى قۇردى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاندېس گۇرۇھى

خەنزۇچە نامى :安第斯共同体

چەتئەلچە نامى :COMUNIDAD ANDINA DE NACIONES

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

ئاندېس گۇرۇھى1966-يىلى 8-ئايدىن 1969-يىلى 11-ئايغىچە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاندېس رايونىدىكى بىرنەچچە دۆلەت كۆپ قېتىم جەم بولۇپ رايون ھەمكارلىقى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، «كىچىك رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىش كېلىشىمى» نى ماقۇللاپ، ئاندېس ئىتتىپاقىنى قۇردى. 1987-يىلىغا كەلگەندە بۇ ئىتتىپاققا پېرۇ، بولىۋىيە، ئېكۋاتور، كولۇمبىيە، ۋېنسۇئېلا قاتارلىق بەش دۆلەت قوشۇلدى، يەنە كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەن بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ بار. تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر يىلى ئۈچ قېتىم قەرەللىك يىغىن ئاچىدۇ. يەنە تېخنىكا كومىتېتى، باش كاتىبات باشقارمىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. باش شتابى پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسىتى: ئاندېس رايونىدىكى بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەكشى ماسلاشقان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏