چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى، 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە مالىيە مىنىستىرى ئاساسىدا قۇرۇلدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :20 دۆلەت گۇرۇھى

خەنزۇچە نامى :20国集团

چەتئەلچە نامى :G20,Group 20,Group of 20

قۇرۇلغان ۋاقتى :1999-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

تارىخى تەرەققىياتى

3پارچە20 دۆلەت گۇرۇھى1997–يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن باشقا، يەنە تەسىر كۈچىگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى. 1999–يىلى سېنتەبىردە، غەربتىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى ۋاشىنگتوندا بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنى قۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭىشىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

1999-يىلى يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى رامكىسىدىكى بىرەسمىي سۆھبەتنىڭ بىر خىل يېڭى مېخانىزمى، ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش، ھەمكارلىشىش ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏