چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشى 1967-يىلى 7-ئايدىن 1970-يىلى 1-ئايغىچە داۋاملاشقان نېگىرىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :نېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشى

باشقا ئاتىلىشى :بىفرا ئۇرۇشى

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :نىگېرىيە، مىسىر؛ بىيافارا

ئورنى :نىگېرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى

ۋاقتى :1967-يىلى 7-ئايدىن 1970-يىلى 1-ئاي

نەتىجىسى :نىگېرىيە غەلىبە قىلدى

خەنزۇچە نامى :尼日利亚内战

ئۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشى 

3پارچەنېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشى نېگىرىيە ئافرىقىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شۇنداقلا قەبىلىلەرمۇ ئەڭ كۆپ مەملىكەتنىڭ بىرى. بۇ دۆلەتتە مەملىكەت بويىچە 250 تىن ئارتۇق قەبىلە ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالدىكى خاۋسالار، غەربتىكى يورۇيالار ۋە شەرقتىكى ئىبولار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. 1960-يىلى نېگىرىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن خاۋسالار، يورۇيالار ۋە ئىبولار شىمال، غەرب، شەرقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايوننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز قولىدا تۇتتى. ئوتتۇرىدا ئۇزاقتىن بۇيان مۇرەككەپ زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بۇ ئۈچ چوڭ مىللەت مەركىزى ھاكىمىيەتنى تالىشىپ كەسكىن كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. شىمالدىكى خاۋسالار مەركىزى ھاكىمىيەت ۋە ئارمىيە ئىچىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. ئىبولار %60 تىن ئارتۇق قىسىمنى ئىگلەيدىغان شەرقىي رايوندا نېفىت بايقالغانلىقى ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ باي رايون بولۇپ قالدى. نەتىجىدە مەركەز بىلەن يەرلىك ھوقۇق تەقسىماتى مەسىلىسىدە زىددىيەتلىشىپ قالدى. 1966-يىلى 1-ئايدا ئىبولاردىن چىققان ياش ئوفىتسېر سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە شىمالىي رايوننىڭ، غەربىي رايوننىڭ زۇڭلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ھەربىي، مۈلىكى ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قۇماندانى ئىرونىسى (ئىبو مىللىتىدىن) ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇۋالدى. شۇ يىلى 7-ئايدا خاۋسالارنىڭ ئوفىتسېرلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىرونىسنى ۋە زور بىر تۈركۈم ئىبو ئوفىتسېرلىرىنى ئۆلتۈردى. شىماللىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە شىتات باشلىقى گوۋېن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى. شەرقىي رايوننىڭ باشلىقى، گوۋېن ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئاشكارا رەت قىلدى.

1967-يىلى 5-ئايدا شىمالدىكى خاۋسالارنىڭ كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ئەسلىدىكى شەرقىي رايوننى ئۈچ شىتاتقا بۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئىبولار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئوتتۇرا شەرقىي شىتاتقا نېفىت بايلىقىمۇ، دېڭىزغا چىقىدىغان ئېغىزمۇ يوق ئىدى. بۇ ھال نېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا تۇترۇق بولدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏