چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياڭاقلىق ساي مەنزىرە رايونى ___ بۇ رايون توققۇزتارا ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان رايون.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ياڭاقلىق ساي مەنزىرە رايونى

تەۋە رايون :جۇڭگو غۇلجا تۇققۇزتارا ناھىيەسى

جۇغراپىيەلىك ئورنى :توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون

ئىنگلىزچە نامى :Yehetao valley

خەنزۇچە نامى :核桃沟风景区

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى 

ياڭاقلىق ساي مەنزىرە رايونى ___ بۇ رايون توققۇزتارا ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان رايون. بۇ سايدىكى ياۋا ياڭاق 10 مىڭ تۈپكە، ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك 350 خىلغا، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئون خىلغا يېتىدۇ. شۇڭا بۇ ساي «ياۋا ئۆسۈملۈكلەر مۇزېيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 2008 – يىلى بۇ ياۋا ياڭاقلىق دۆلەت تەرىپىدىن 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ يەردە يەنە ياۋا ئالما، ياۋا ئۆرۈك قاتارلىق مېۋە كۆچەتلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ ياۋا مېۋىزارلىق توپىنى ھاسىل قىلغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏