چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۆكدالا ئۇيغۇرچە سۆز بۇلۇپ ‹‹ ياپيېشىل دالا ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كۆكدالا ساياھەت باغچىسى قورغاس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ غەربىدىكى 64-تۈەن مەيدانى بىلەن چىگرىلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :كۆكدالا يايلاق كېچىسى ساياھەت باغچىسى

خەنزۇچە نامى :可克达拉草原之夜旅游公园

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيەسى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

كۆكدالا ئۇيغۇرچە سۆز بۇلۇپ ‹‹ ياپيېشىل دالا ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كۆكدالا ساياھەت باغچىسى قورغاس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ غەربىدىكى 64-تۈەن مەيدانى بىلەن چىگرىلىنىدۇ. بۇ ساياھەت باغچىسىنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمى 30 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، غولجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 68 كىلومېتىر كىلىدۇ. كۆدالانىڭ يېرى مۇنبەت، سۈيى مول بولۇپ، يېشىل كىمخاپ يېپىنغان بۇ تۈپتۈز دالا كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. ئوتلاقلاردىكى ئوت چۆپلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەمنىڭ تىزدىن ئاشىدۇ. 

كۆكدالا 1990-يىلى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ شەرق سېرىناداسى ›› ئىچىدىكى ‹‹ يايلاق كېچىسى ›› ناملىق ناخشا دۇنياغا ئاپرىدە بولغان جايدۇر. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏