چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ‹‹قۇياش ئارىلى›› سەيلىگاھى شايار ناھىيە بازىرىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گەزقۇم يېزىسىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قۇياش ئارىلى

خەنزۇچە نامى :太阳岛

تەۋە رايونى :جۇڭگو شىنجاڭ ئاقسۇ

جۇغراپىيەلىك ئورنى :شايار گەزقۇم يېزىسى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى 

7پارچەقۇياش ئارىلى‹‹قۇياش ئارىلى›› سەيلىگاھى شايار ناھىيە بازىرىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گەزقۇم يېزىسىدا بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 2.5 كىۋادرات كىلومېتىر، سۇلۇق كۆلەم 2000 مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ يەردە ھەرخىل شەكىلدىكى قۇياشنى كۆرگىلى بولغاچقا، ‹‹قۇياش ئارىلى›› دەپ ئاتالغان. ‹‹قۇياش ئارىلى››دا ساياھەتچىلەر قۇياشنىڭ ئۆزگىرىش مەنزىرىسىدىن، شايار توغراقلىرىدىن، ياپيېشىل كۆل سۈيىدىن، بېلىقلارنىڭ ئويناشلىرىدىن، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن؛ تۈرلۈك ياۋايى ھايۋاناتلاردىن؛ يۇلغۇن، چۈچۈك بۇيا، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىق قىممەتلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن، ئىپتىدائىي توغراق مەنزىرىسىدىن، ئوغلاق، بېلىق كاۋاپلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. يېقىندا شايار ناھىيەسى بۇ ئورۇنغا توغراق كۆزىتىش مۇنارى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ‹‹قۇياش ئارىلى›› سەيلىگاھىنى بوشلۇقتىن كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏