ئالتۇن ساھىل(خۇشۇت ناھىيەسىدىكى ساياھەت رايونى ) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خوشۇتتىكى ئالتۇن ساھىل ساياھەت رايونى قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ شىمالىغا، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقتال يېزىسىدىكى 314-دۆلەت يولىدىن غەرىبكە 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇلۇق كۆل – باغراش كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ئالتۇن ساھىل

تەۋە رايونى :جۇڭگو شىنجاڭ كورلا

جۇغراپىيەلىك ئورنى :خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقتال يېزىسىنىڭ غەربى

قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى 

ئالتۇن ساھىل ساياھەت رايونىخوشۇتتىكى ئالتۇن ساھىل ساياھەت رايونى قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ شىمالىغا، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقتال يېزىسىدىكى 314-دۆلەت يولىدىن غەرىبكە 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇلۇق كۆل – باغراش كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. بۇ جاي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ‹‹بەش رايون، ئۈچ لىنىيە››سىدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى. بۇ ساياھەت رايونى 2000 – يىلى 12 – ئايدا جۇڭگو شەھەر پىلانلاش تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك پىلانلانغان، ئالتۇن ساھىلنىڭ غەربتىن شەرققە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1888 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى 1760 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، پىلانلانغان قۇرۇلۇش كۆلىمى 32 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭدا ئېچىلغان يازلىق ساياھەت نۇقتىسىدۇر. سۇ ئۈزۈش مەيدانىنىڭ قۇملىرى ئالتۇن رەڭلىك يۇمشاق قۇم بولغاچقا ‹‹ئالتۇن ساھىل›› دەپ نام بېرىلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏