چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ‹‹ لوپنۇرلۇقلار كەنتى ›› ساياھەت مەنزىرە رايونى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقۇتان يېزىسىدا بولۇپ، تارىم دەرياسى مۇشۇ كەنىتتىن ئۆتىدۇ، كورلا شەھىرىگە 85 كىلومېتىر، لوپنۇر ناھىيەسىگە 35 كىلومېتىر كىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :لوپنۇرلۇقلار كەنتى

خەنزۇچە نامى :罗布人村寨

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

تەۋە رايون :شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى

دەرىجىسى :AAAA دەرىجىلىك

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

5پارچەلوپنۇرلۇقلار كەنتى‹‹ لوپنۇرلۇقلار كەنتى ›› لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بويان شەكىللەندۈرگەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىنى ئالاھىدىلىك قىلغان، قۇملۇق، توغراقلىق، دەريا ساھىلى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت رايونى بولۇپ، ساياھەت رايونىنىڭ جەنۇبىي تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، تارىم دەرياسى ساياھەت رايونىنى كىسىپ ئۆتىدۇ. بۇ يەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا باب كىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏