چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سىمۋولىزىم(Symbolism) غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن، تەسىرى ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فىرانسىيەدە پەيدا بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سىمۋولىزىم

خەنزۇچە :象征主义

ئىنگىلىسچە نامى :Symbolism

بارلىققا كەلگەن دۆلەت :فىرانسىيە

سىمۋولىزىم ھەققىدە 

سىمۋولىزىم(Symbolism) غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن، تەسىرى ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فىرانسىيەدە پەيدا بولغان.ئۇنى دەسلەپكى سمۋولىزىم ۋە كېيىنكى سىمۋولىزىم دەپ ئىككى چوڭ باسقۇچقا ئايرىپ چۈشىنىش زۆرۈر.

دەسلەپكى سمۋولىزىم

«سىمۋولىزىم» دېگەن بۇ نام ئەڭ بۇرۇن 1886-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەسلەپتە، فىرانسىيەلىك شائىر رېنىي گېل(René Gil) 1886-يىلى «سۆز تەتقىقاتى» دېگەن كىتابىدا چارلىس بودېلىردىن بۇيانقى ئاۋانگارد شائىرلارنىڭ شېئىرىيەتتە ئىپادىلىگەن يېڭى خاھىش ۋە يېڭى نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. فىرانسىيەلىك سىمۋولىزىمچى شائىر سىتېفان ماللارمې(Stephane Mallarme) بۇ كىتاب ئۈچۈن كىرىش سۆز يازغان. شۇ يىلى يەنى 1886-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى فىرانسىيەدە شائىر ژان مورېئاس پارىژدا چىقىدىغان «فىگارو» گېزىتىدە «ئەدەبىيات خىتابنامىسى» ئېلان قىلىپ، شۇ چاغلاردا سىمۋول ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەسەر يازغان ئاۋانگارد شائىرلارنى «سىمۋولىزىمچىلار» دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغان. گەرچە ئۇ سىمۋولىزىمنىڭ ئاساسچىسى ئەمەس بولسىمۇ ئۇنىڭ گرېك تىلىدىكى بۇ سۆزنى فىرانسىيەگە ئىلىپ كىرىپ، بۇ ئېقىمغا ئات قويغانلىقىنىڭ ئۆزىلا مۇھىم تۆھپە بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، مورېئاس بۇ ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن 30 يىل ئىلگىرىلا سىمۋولىزىم شەكىللىنىپ بولغان بولۇپ، 1857-يىلى چارلىز بودېلىر(Charles Pierre Baudelaire)نىڭ شېئىرلار توپلىمى «رەزىل گۈللەر»نىڭ نەشىر قىلىنىشى سىمۋولىزىملىق شېئىرلارنىڭ شېئىرىيەت سەھنىسىگە باسقان تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغان. «رەزىل گۈللەر» يېپيېڭى ھېس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېپيېڭى ماتېرىيال ۋە باش تېمىنى شېئىرىيەتكە ئېلىپ كىرىپ، ياۋرۇپا – ئامېرىكا شېئىرىيەت ئېستېتىكىسىدا، بولۇپمۇ يۈكسەك ئەنئەنىگە ئىگە فىرانسىيە شېئىرىيتىدە تۈپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.

بودېلىرغا ئەگىشىپلا پائۇل ۋېرلىن(Paul Werlin)، ئارتۇر رىمبو(Arthur Rimbaud)، ستېفان ماللارمې(Stephane Mallarme) قاتارلىق سىمۋولىزىمچى شائىرلار ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى. ئۇلار ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن بودېلىرنىڭ شېئرىيەت ئىستېتىكىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە سىمۋولىزىم ياش شائىرلار ئارىسىدا مودا بولغان. 1886-يىلى كۈزدە سىمۋولىزىمنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سىمۋولىزىم ئاڭلىق ئەدەبىيات ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، تارقاق ھالەتتىن نىسبەتەن بىرلىككە كەلگەن ئېقىمنى يەنى دەسلەپكى سىمۋولىزىم ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن.

سىمۋولىزىمچى شائىرلار رېئال سىمۋول ئارقىلىق ئىپادىلەشكە مايىل بولۇپ، ماددى دۇنياغا بىۋاستە ئەمەس بەلكى ئۆزلىرىنىڭ خام خىيالى، تەسەۋۋۇرى ۋە شېئىرلىرى ئارقىلىق يۈزلەندى. ئۇلار ھەرخىل «خىيالىي دۇنيا» ئارقىلىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، سەنئەتكارلار ۋە ھوزۇرلانغۇچىلارنىڭ قەلىب دۇنياسىنىڭ ماددا، پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئاشكارلىنىشى ئۈستىدە ئويلاندى. ئۇلار بودېلىرنىڭ شېئىرلىرىنى تەتقىق قىلدى، «رەزىل گۈللەر» ئىنسانىيەت رەزىللىكىنىڭ مەنبەسىنى قېزىش ھەمدە ساپ سەنئەت شەكلىنى يارىتىش داۋامىدا تۇنجى چۈشكۈن گۈزەللىكنى ئېچىپ بەردى.

سىمۋولىزىم ئېقىمى 1886-يىلىدىن 1891-يىلىغىچە تازا گۈللەنگەن. ماللارمېنى مەركەز قىلغان ياش سىمۋولىزىمچى شائىرلار ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى پارىژ رىم كوچىسى 5-قورۇدىكى ماللارمېنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ مەشھۇر «سەيشەنبە يېغىلىشى»غا قاتناشقان. ئۇلار شېئر دىكلىماتسىيە قىلىش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئېقىمغا كۈچ بېغىشلىغان. سىمۋولىزىمچىلار بۇ مەزگىلدە «مودا»، «سىمۋولىزىمچىلار»، «سەنئەت ئۈچۈن يېزىش»، «19-ئەسىر»، «پارىژ ساداسى»، «ئەركىن فىرانسىيە»، «قەلەم» قاتارلىق نۇرغۇن ژۇرناللارنى چىقارغان. ئۇلار نۇرغۇنلىغان نەزەرىيەۋىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئاساسەن پارچىلىنىشقا قاراپ ماڭغان رومانتىزىمنى بېسىپ چۈشۈپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان پارناس ئېقىمى(Parnassians)غا قارشى كۈچلۈك ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن.

لېكىن، 19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە دەسلەپكى سىمۋولىزىمنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كېتىپ، خارابلىشىشىقا باشلىغان. 1891-يىلى مورېئاس سىمۋولىزىمچىلاردىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلاپ «رىم ئېقىمى» ئەدەبىياتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمكى يۇنان – رىم ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. ئارقىدىنلا رىمبو، ۋېرلىن، ماللارمې قاتارلىق ئاساسلىق شائىرلار ئارقا – ئارقىدىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن. باشقا نۇرغۇنلىغان سىمۋولىزىمچى شائىرلارمۇ يېڭى يوللارنى تۇتۇپ، سىمۋولىزىملىق سەنئەت پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچكەن. گەرچە دەسلەپكى سىمۋولىزىم ئېقىمى پارچىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ فىرانسىيەدە چوڭقۇر يىلتىز قالدۇرغان، شۇنداقلا سىتېفان ماللارمې قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ تۈرىتكىسىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى بىر نەچچە يىللىرىدا غەربىي ياۋرۇپا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ نۇرغۇنلىغان ھەمنەپەسلەرنى تاپقان. ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن كېيىنكى سىمۋولىزىمنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكلىرىگە ئايلانغان. كېيىنكى سىمۋولىزىم فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، لاتىن ئامېرىكىسى، يىراق شەرق قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا گۈللىنىپ، پۈتكۈل دۇنيا دائىرىسىدە تەسىرى ئەڭ زور ئەدەبىي ئېقىمغا ئايلانغان.

دەسلەپكى سىمۋولىزىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن پائۇل ۋېرلىن، ئارتۇر رىمبو، ستېفان ماللارمې، چارلىس بودېلىر قاتارلىقلار ناھايىتى مۇھىم.

كېينكى سىمۋولىزىم

كېينكى سىمۋولىزىم ـــ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارتىلىغان 1-دۇنيا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن غەرب دۆلەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك روھىي كىرزىس پەيدا بولغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىچكى دۇنياغا يۈزلىنىپ، يۈزەكى تۇرمۇشقا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كائىنات روھى، تەقدىر ۋە ئىدېئال ئۇقۇملار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋىي دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشىدىن گۇمانلىنىپ، رېئال ماددىي مەۋجۇتلۇقنى ئىنكار قىلىپ، كائىناتنىڭ ھەقىقىي سىرىنى ئېچىشقا تىرىشقان. نەتىجىدە، سىمۋولىزىم شېئىرىيىتى قايتىدىن گۈللىنىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالەتتە پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنياۋى ئېقىمغا ئايلانغان مانا بۇ كېيىنكى سىمۋولىزىمدۇر.

كېيىنكى سىمۋولىزىم دەسلەپكى سىمۋولىزىمنىڭ راۋاجى بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ مۇكەممەل بىر مودېرنىزىم ئەدەبىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. لېكىن بۇ ئىككى ئېقىم ئوخشىمىغان دەۋىردە مەيدانغا كەلگەچكە ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى يېڭىلانغان بولغاچقا، ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان. بىرىنچىدىن، كېيىنكى سىمۋولىزىمنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كېڭەيگەن، شائىرلار قوشۇنى زورايغان. بۇ ئېقىمنىڭ ئېستېتىك پىرىنسىپلىرىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئەھۋالى ۋە ئۆزىگە خاس شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە، شائىرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان خاھىشىغا ئاساسەن رەڭگارەڭ تۈس ئالدى. ئىككىنچىدىن، كېيىنكى سىمۋولىزىم 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدە مەيدانغا كەلگەچكە، ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا، ئۇنىڭ تېما دائىرىسى كېڭەيگەن، زامانىۋىي ئېڭى كۈچلۈك بولغان، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى تېخىمۇ پىشقان. شۇڭا كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار پەقەت كېيىنكى سىمۋولىزىمنىلا ھەقىقىي مودېرنىزىم ئېقىمى دەپ قاراپ، مودېرنىزىم ئەدەبىياتنىڭ باشلىنىشى دەل مۇشۇ كېيىنكى سىمۋولىزىم دەپ قارايدۇ. كېيىنكى سىمۋولىزىمنىڭ ۋەكىللىرىدىن فىرانسىيەدە ماللارمېنىڭ شاگىرتلىرىدىن پائۇل ۋالېرى(Paul Valery) ۋە پائۇل كلودېل(Paul Claudel) قاتارلىقلار بار. ئەنگىلىيەدە ئارتۇر سىمونىس(Arthur symons)، ۋىليام باتلىر يېتىس(William Butler Yeats)، ئېزرا پوند(Ezra Pound)، د.خ.لاۋرېنىس(D.H.Lawrence)، ئامېرىكىدا ئەمىي لوۋېل(Amy Lowell)، خىلىدا دۇلىتىل(Hilda Doolittle)، ۋىليام كارلوس ۋىليامىس(William Carlos Williams)، ۋاللاس سىتېۋېنىس(Wallace Stevens) قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە سىمۋولىزىمچى شائىرلىرىدىن بارمونت، ئالېكساندر بلوك، سېرگىي يېسېنىن، فېدورسوگورۇب، گىنايدا جىپپۇس قاتارلىقلارنى، ئىتالىيەدىن ئېۋگىنىئو مونتالى، سالۋاتور كۇئاسىمودو قاتارلىقلارنى، بىلگىيەدىن ئېمىل ۋېرخارېن، ئاۋىستىرىيەدىن رىلكې قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. كېيىنكى سىمۋولىزىمنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى بولۇپ، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، دانىيە، ئاۋىستىرىيە، گېرمانىيە، نورۋىگىيە، ۋېنگىرىيە، پولشا، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، پورتگالىيە، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپلىگەن ۋەكىللىرى يېتىشىپ چىققان.

كېيىنكى سىمۋولىزىم باسقۇچىدا سىمۋولىزىم شېئىرىيەتتىن دىرامما ساھەسىگىمۇ كىڭەيگەن بولۇپ، بېلگىيىلىك ماۋرىس مېتېرلىنك «كۆك قۇش» دىراممىسى ئارقىلىق 1911-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. گېرمانىيەلىك گېرخارت خاۋپتمان «ئېغىر سائەت»دىراممىسىنى، ئېرلاندىيەلىك جون سىنج «ئات مېنىپ دېڭىزغا چۈشكەن ئادەم» دىراممىسىنى ئىجاد قىلغان.

سىمۋولىزىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى – بىرىنچى، رېئالىزىملىق قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، تاشقى ماددى دۇنيادىن ئىچكى روھى دۇنياغا يۈزلىنىش. ئىككىنچى، رومانتىزىمنىڭ ھېسسىياتنى بىۋاستە يېزىشىغا قارشى تۇرۇپ، سىمۋول ۋە ئىشارە قىلىشنى تەكىتلەش، ھەتتا «ئوبيېكتىپ تاناسسىپيات» ئارقىلىق ئىچكى دۇنيانى ئىپادىلەش. ئۈچىنچى، سۇبيېكتىپ بىلىش ۋە بەدئىي تەسەۋۋۇرغا ئەھمىيەت بېرىش. تۆتىنچى، شېئىرنىڭ مۇزىكىدارلىقنى تەكىتلەش. بەشىنچى، قۇيۇق مىتىكىزملىق خاھىشنى ئىپادىلەش. ئالتىنچى، خاس ئىستېتىك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏