چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش باش ئاغرىش ھاياتىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان بىر خىل كىسەللىك ئالامىتى .ھەرخىل سەۋەبلەردىن باش قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :باش ئاغرىقى

خەنزۇچە نامى :头痛

ئاغرىق ئورنى :باش

مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك :يۇقىرى قان بىسىم،مىڭە كىسەللىكلىرى

تەۋە بۆلۈم :ئىچكى بولۈم،نىرۋا ئىچكى بۆلىمى

مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش :قان بىسىم،مىڭە ،CT

مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر :باش چىڭقىلىپ ئاغرىش

ئىنگىلىسچە نامى :headache

تۈرى ۋە سەۋەبى

روھى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك باش ئاغرىش

باش ئاغرىقى ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان باش ئاغرىش روھى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك باش ئاغرىش بولۇپ، جىددىلىشىش، ئاچچىقلىنىش، قاتتىق غەم ئەندىشىگە چۈشۈش، كۆڭلى يىرىم بولۇش، ياخشى ياكى يىتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق  قاتارلىق سەۋەپلەر ئاسانلا باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشنى ئەڭ ياخشىسى ئالدىراپ دورا ئىشلەتمەي، ياخشى ئارام ئىلىش ۋە كەيپىياتنى ياخشىلاش ئارقىلىق ھەل قىلىش كىرەك.

بىشىنىڭ يىرىم ۋە ياكى بىر قىسمى ئاغرىش

ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان بىر خىل باش ئاغرىش بولۇپ، بۇ خىل باش ئاغرىش بەزىدە ئالاھىدە ئىغىر بولىدۇ ۋە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدۇ. ھازىرغا قەدەر بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ تىخى ئانچە ئىنىق ئەمەس بولۇپ، داۋالاشتىمۇ باش ئاغرىشنى توختۇتىدىغان دورا ئىشلىتىشتىن باشقا ئالاھىدە شىپالىق بىر داۋالاش ئۇسۇلى يوق.

زۇكام سەۋەبلىك  باش ئاغرىش

زۇكام سەۋەپلىك كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. ئادەم زۇكام بولغاندا بۇرۇن تۆشۈكچىلىرىنىڭ پۈتۈپ قىلىشى سەۋەبىدىن قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچۇراپ، مىڭە بوشلۇقىنىڭ بىسىمىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ۋە مەلۇم دەرىجىدە باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئادەتتە بەك قاتتىق بولمايدۇ. زۇكامنىڭ ساقىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشمۇ ئۆزلىگىدىن يوقاپ كىتىدۇ.

نىرۋا خاراكتىرلىك باش ئاغرىش

 بۇ خىل باش ئاغرىش نىرۋىنىڭ بىسىلىشى سەۋەبىدىن كىلىپچىققان بولۇپ، ئاغرىش كۆپۈنچە يۈزىدىن باشلىنىدۇ.

 يۇقۇرى قان بىسىمى سەۋەبىدىن باش ئاغرىش

يۇقۇرى قان بىسىمى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. ئادەتتە يۇقۇرى قان بىسىمى ئاستا خارەكتىرلىك كىسەل بولغىنى يەنە قانبىسىمىنىڭ يۇقۇرلاش جەريانى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاستا بىر جەريان بولغانلىقى ئۇچۇن، نورمالدا ئالاھىدە باش ئاغرىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بىراق قان بىسىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆرلەپ كەتكەندە، قاتتىق باش ئاغرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىشقا ئادەتتە ياندۇرغۇسى كىلىش، ياندۇرۇش، بىشى قىيىش، كۆزى تورلۇشۇش دىگەندەك ئەگەشمە ئالامەتلەر ھەمرا بولىدۇ.

مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك سەۋەپلىك باش ئاغرىش 

بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشتا ئادەتتە ئۇشتۇمتۇت كۆزى قاراڭغۇلۇشىش، بىشى قىيىش، سۆز  قىلالماسلىق، خاتىرسىنى يوقۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىرگە كۆرىلىدۇ. مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىىنمىسا، مىڭە بىر قىسمى قانسىزلىنىپ ئۆلۈش كىلىپ چىقىدۇ.

 مىڭە ئۆسمىسى سەۋەبلىك باش ئاغرىش 

يەنى مىڭىدە ئۆسمە بولغاندا مىڭەنىڭ بىسىمى يۇقۇرلاپ كىتىپ، باش ئاغرىش، ياندۇرغۇسى كىلىش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئادەتتە يىشى چوڭلاردا كۆپ ئۇچۇرايدىغان بولۇپ، باش ئاغرىش، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدىرىجى تەرەققى قىلىدۇ، ھەم باش قاتتىق ئاغرىغاندا كۆڭلى ئىلىشىش ۋە قۇسۇشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

مىڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبلىك باش ئاغرىش 

 بۇ خىلدىكى باش ئاغرىش ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىدىغان ۋە تەدىرىجى ئىغىرلىشىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا كۆڭلى ئىلىشىش، ياندۇرغۇسى كىلىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىرگە كۆرىلىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىشنىڭ قوزغۇلۇشى ئۇشتۇمتۇت، تەرەققىياتى تىز بولىدۇ، ئاخىردا يىقىلىپ چۈشۈش ۋە ھۇشىدىن كىتىشكە تەرەققى قىلىدۇ.

مىڭە ياللۇغى سەۋەبلىك باش ئاغرىش 

مىڭە ياللۇغى ۋە مىڭە پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن بولۇپمۇ مىڭە يىرىڭلىق ئىشىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىش. بۇ خىلدىكى باش ئاغرىشتا ئادەتتە باشقا ياللۇغلىنىشتا بولىدىغان قىززىش، تىتىرەش، كۆڭلى ئىلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى بىرگە بولىدۇ.

جىنسى مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن باش ئاغرىش 

 بۇخىلدىكى باش ئاغرىش ئادەتتە جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر سەۋەبى تىخى ئىنىق ئەمەس.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏