چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گۇيۈەن يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرى. گۇيۈەن ھازىر نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر. بۇ شەھەر سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى ليۇ پەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى چىڭشۈي دەرياسى ساھىلىغا جايلاشقان. خۇيزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر. مەملىكىتىمىزدىكى بەرەڭگى كۆپ چىقىدىغان بازا.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :گۇيۈەن

خەنزۇچە نامى :固原

دۆلىتى :جۇڭگو

مەمۇرىي رايون شەكلى :ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، ئۆلكىلەردىكى قوشۇمچە مەركىزىي شەھەر

تەۋە رايون :جۇڭگو نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى

يەر مەيدانى :10 مىڭ 468 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :بىر مىليون 533 مىڭ 300

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى

تارىخى 

6پارچەگۇيۈەن تارىخنامىلەرگە ئاساسلانغاندا، كونا تاش قورال دەۋرىدە، يەنى بۇنىڭدىن 27 – 32 مىڭ يىللار ئىلگىرى گۇيۈەندە قەدىمىي ئىنسانلار ياشىغان. يېڭى تاش قورال دەۋرىدە ئۇ يەردە تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان قەبىلە – قوۋملار پائالىيەت قىلغان، يېغىلىق دەۋرىدە چىن بەگلىكىگە تەۋە بولغان. غەربىي جىن سۇلالىسى دۇلۇ ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە گاۋپىڭ، چاۋنا، ۋۇشى، دۇلۇ ناھىيەلىرى تەسىس قىلىنغان. تۇغباتلار قۇرغان شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە، يەنى 436 – يىلى گاۋپىڭ بازىرى يۈەنجۇ ئايمىقىغا ئۆزگەرتىلگەن. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە، يەنى 607 – يىلى يۈەنجۇ ئايمىقى بىكار قىلىنىپ پىڭلياڭ ۋىلايىتى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، يەنى 618 – يىلى پىڭلياڭ ۋىلايىتىنى بىكار قىلىنىپ، يۈەنجۇ ئايمىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە كەيچىڭ ئايمىقى، گۇاڭئەن ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۇيۈەن ئايمىقى ۋە گۇيۈەن ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۇيۈەن ئايمىقى،چيەندې ناھىيەسى، خەيچىڭ ناھىيەسى ۋە خۇاپىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت تەسىس قىلىنغان. مىنگو دەۋرىدە، يەنى 1913 – يىلى گۇيۈەن ئايمىقى بىكار قىلىنىپ گۇيۈەن ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏