چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
قۇمتۇرا مىڭئۆيى كۇچانىڭ غەربىي جەنۇبىي يۆنىلىشىدىكى ئۆگەن دەرياسى بويىدىكى تاغ ئېغىزىنىڭ شەرقىي قاسنىقىدىكى قىياغا جايلاشقان.
نامى :قۇمتۇرا مىڭئۆيى
خەنزۇچە نامى :库木吐拉千佛洞
تەۋە دۆلەت :جۇڭگو
قاراشلىق رايون :شىنجاڭ كۇچا
3پارچەقۇمتۇرا مىڭئۆيى بۇ مىڭئۆيلەرنىڭ بىر قىسمى جىلغا ئېغىزىدىكى قىياغا، يەنە بىر قىسمى جىلغا ئىچىدىكى قىياغا قېزىلغان. بۇ جايدا ھازىر 99 ھۇجرا ئۆي بولۇپ، 72 ئېغىزى خېلى ياخشى ساقلانغان. بۇ ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىبادەت ئۆيلىرى بىلەن ئېتىكاپ – ئىستىقامەت ئۆيلىرى، ئاز بىر قىسمى راھىبلارنىڭ ھۇجرا ئۆيلىرىدۇر. قۇمتۇرا مىڭئۆيىنىڭ بۇنداق جايغا بىنا قىلىنىشى ئەينى زامان بۇددىزمنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاۋات شەھەر – بازارلاردىن چەتتە بولۇش، خالىي، پىنھان، مەنزىرىلىك تاغ – دەريالار جايلاشقان جىلغا بولۇش مەقسەت قىلىنغان.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى