چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئالاھىدە رېئاكسىيىچان تېرە ياللۇغى بولسا بىر خىل ئېرسىيەتلىك زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاق رەڭلىك جىجاش رېئاكسىيىسىنىڭ بولۇشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تېرىنىڭ ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكىدىن ئىبارەت. بۇ كېسەل ئالاھىدە رېئاكسىيىچان ھۆل تەمرەتكە ۋە يات ئورۇنلۇق تېرە ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :atopic dermatitis

ئاساسلىق ئالامىتى :قاتتىق قىچىشىدۇ، قىزىل داغلىق زەخىملىنىش،ماي تەپچىش، ئۆزئارا تۇتىشىپ قېلىنلىشىپ داغ پارچىسىغا ئايلىنىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى :ئېرسىيەتلىك زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.

خەنزۇچە نامى :特 应 性 皮 炎

تەۋە بۆلۈم :تېرە بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :تۆت مۈچە بوغۇملىرىنىڭ يىغىلىدىغان تەرىپى بويۇن، ماڭلاي ۋە قاپاق

باشقا نامى :كېسەل ئالاھىدە رېئاكسىيىچان ھۆل تەمرەتكە ۋە يات ئورۇنلۇق تېرە ياللۇغى

سەۋەبى

1. ئېرسىيەتلىك زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. ئۇرۇقداشلىرى ئىچىدە ھەمىشە زىققە، گۈل چاڭلىرى قىزىتمىسى، زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، يېلى تېشىش قاتارلىق ئېرسىي كېسەللەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەۋلادلىرىدا يۇقىرىقى كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

2. زەڭگەر رەڭلىك سەپرانىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ قان خىلىتىنى قىزىتىپ ئوفۇنەتلەندۈرۈشىدىن پەيدا بولىدۇ.

بۇ خىل نورمالسىز سەپرا بەدەندە ھاسىل بولغاندا قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ نورمالسىز سەپرا خىلىتىنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ قان خىلىتىنى قىزىتىپ قان خىلىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل نورمالسىز خىلىتنىڭ غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننى تەكرار غىدىقلاپ يەرلىك ئورۇننىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

3. قاننىڭ يۇقىرى ھارارەت تەسىرىدىن كۆيۈشىدىن پەيدا بولىدۇ. قان خىلىتىنىڭ يۇقىرى ھارارەت تەسىرىدىن سۇيۇقلۇق ھالىتى پارغا ئايلىنىپ قان قىيام جەھەتتىن قۇيۇلۇپ قالىدۇ. بۇ خىل نورمالسىز خىلىتنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتى سەۋدا بولۇپ، بۇ خىل خىلىتنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش خۇسۇسىيىتى بولۇپ قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە قىل قان تومۇرلاردا چۆكمىگە چشۈپ يەرلىك ئورۇندا توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ھەمدە نورمالسىز خىلىتنىڭ تەكرار غىدىقلىشىغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏