چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ بوشلىقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلكى بالىياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلىشىپ ئۆسۈپ-يېتىلىش بىلەن كىلىنكىدا ھەيز توختاش، تۇيۇقسىز قورساق ئاغرىش، جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش، ھەتتا شۇك بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىق

جۇڭيى تىبابىتى نامى :ئېكتوپىك ھامىلدارلىق

خەنزۇچە نامى :子宫外妊娠

كېسەللىك ھەققىدە

بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىقبالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ بوشلىقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلكى بالىياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلىشىپ ئۆسۈپ-يېتىلىش بىلەن كىلىنكىدا ھەيز توختاش، تۇيۇقسىز قورساق ئاغرىش، جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش، ھەتتا شۇك بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش بولسا ئاياللار بۆلۈمىدىكى بىر خىل خەتەرلىك كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا يېنىك بولغاندا ئاياللارنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تەسىر قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغاندا كۆپ خىل ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇشمۇ بىر ئاياللار بۆلىمى كېسەللىكلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى، ئۇ خۇددى ۋاقتى بەلگىلەنگەن بومبىغا ئوخشاش ئازراقلا دىققەت قىلمىسا پارتىلايدۇ، نورمال ئەھۋالدا ئۇرۇقلانغان توخۇم توخۇم توشۇش نەيچىسىدىن بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يۆتكىلىدۇ، ئاندىن مۇقىملىشىپ ئاستا-ئاستا ھامىلە بولۇپ يېتىلىدۇ. بىراق، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ھەرخىل سەۋەبتىن ئۇرۇقلانغان توخۇم يۆتكىلىش جەريانىدا خاتالىق چىقىپ بالىياتقۇغا بارالماي ئەكسىچە باشقا جايدا توختاپ قېلىپ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تىببىي ئاتالغۇدا يەنە ئېكتوپىك ھامىلدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ. %90 دىن ئارتۇق بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق توخۇم توشۇش نەيچىسىدە يۈز بېرىدۇ.

تۆۋەندە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق سۆزلىنىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقتا چۆگۈن قورساق قىسمىدىكى ھامىلىدارلىق ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ بوغۇز قىسمى، چۇچا قىسمى، ئارىلىق قىسمىدا ئەڭ ئاز ئۇچرايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏