چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق ئۆز ۋاقتىدا داۋالانمىسا، تەكرار قاناشتىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى قاناش توختاپ، ئۇيىغان قان تەدرىجى ھالدا قاتتىق كاللەككە ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا مونەك پەيدا قىلىپ، ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بىلەن چاپلىشىپ قالىدۇ ھەمدە تۇتسا ئاغرىيدۇ، بۇ كونىراش خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

كىسەللىك نامى :كونىراش خارەكتىرلىك تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلدارلىق

كىسەللىك ئالامىتى :ھەيز قالايمىقانلىشىش،قورساق ئاغرىش،ھوشىدىن كېتىش،

تەۋە بۆلۈم :تۇغۇت بۆلۈم

ئالامىتى

توخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى كېسەللىك ئۆزگىرىش ئورنى، بويىدىن ئاجراش ياكى يېرىلىش ۋە ئىچكى قاناش مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1.ھەيز توختاش تارىخى بولىدۇ. ھەيز قىسقا مۇددەت توختىغان تارىخى بولىدۇ. ئارىلىق قىسىمدىكى ھامىلىدارلىقتا ھەيز توختىمىغان ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشتىن تاشقىرى، كۆپىنچىلىرىدە ئالتە ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ. بەزىدە توخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىنىڭ تىۋىت توقۇلمىسى ئاجىرتىپ چىقارغان تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قوغداشقا يېتىشمەي، قاناش يۈز بەرسە، خاتا ھالدا ھەيز كەلگەندەك تۇيۇلۇپ قالىدۇ. بەزىدە بالىياتقۇ سىرتىدە ھامىلىدار بولغاندا، سېرىق تەنچىنىڭ خىزمىتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ھەيز توختاش دەرىجىسىگە يەتكۈزەلمىگەنلىكتىن، ھەيز توختاش تارىخى بولمايدۇ، بەزىدە بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەيز توختاش تارىخى بولمىغانلىق سەۋەبى بىلەن بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىقنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. 2. قورساق ئاغرىش بولىدۇ. بۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنىڭ مۇھىم ئالامىتى بولۇپ، يۈز بېرىش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى بولىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلغاندا ياكى بويىدىن ئاجرىغاندا چىققان قان، قورساق بوشلىقىغا ئېقىش سەۋەبىدىن قورساقنىڭ ئاغرىشى پەيدا بولىدۇ. ئاغرىش خاراكتېرى مۇجۇپ ئاغرىش، پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىش بولۇپ، كېسەللىك يۈز بەرگەن تەرەپتە بولىدۇ. قان ۋاقتىنچە توختىسا، قورساق ئاغرىشىمۇ يەڭگىللىشىدۇ. قورساق ئاغرىش بىلەن بىللە كۆڭۈل ئېلىشىش، قوسۇشمۇ پەيدا بولىدۇ. ئەگەر قان بالىياتقۇ-تۈز ئۈچەي ئويمىنىغا يىغىلغان بولسا، داس بوشلىقى غىدىقلىنىپ، مەقئەت چىڭقىلىش ۋە تەرەت قىستاش سېزىمى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر قان كۆپىيىپ قورساق يۇقىرى قىسمىغا قاراپ ئاققاندا، دىئافراگما غىدىقلىنىپ، تاغاق قىسمىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېرىلىش ۋە بويىدىن ئاجراشتىن بۇرۇن قورساق تۆۋەنكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپىدە يەڭگىل دەرىجىدە ئاغرىش ياكى تۆۋەنگە چىڭقىلىش سېزىمى بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە بىمارلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ. 3. جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش بولىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق توختىتىلغاندىن كېيىن، ئۆزگىرىش بولغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە بەدەندىكى ھورمونلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز ھالدا ئاز مىقداردا قارامتۇل قان كېلىدۇ. بەزىدە قان كۆپ كەلسە بويىدىن ئاجراش دەپ خاتا ھېسابلىنىپ قالىدۇ. كېسەللىك ئۇچىقى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، قان ئاستا-ئاستا توختايدۇ، ئاز ساندىكى بىمارلاردا ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك پەردىسىمان ماددا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ بالىياتقۇنىڭ سۇيۇلغۇچى پەردە سىلىندىرى دەپ ئاتىلىدۇ. 4. ھوشىدىن كېتىش ۋە شوك كېلىپ چىقىدۇ. قورساق بوشلىقىدا قاناش بولۇپ، كۆپ مىقداردا قان يىغىلغانلىقى ۋە قورساق قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن ھۇشىدىن كېتىدۇ ياكى شۇك كېلىپ چىقىدۇ، يەنى بىماردا باش قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، چىرايى تاتىرىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، پۇت-قوللىرى مۇزلاش، پۈتۈن بەدىنىدىن سوغۇق تەر چىقىش، تومۇرى ئاستا، ئاجىز سوقۇش قاتارلىق شۇك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. شۈكنىڭ دەرىجىسى ئىچىدىن كەلگەن قان مىقدارى ۋە كېلىش سۈرئىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏