چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىر قېتىملىق ھامىلىدارلىقتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالىغا ھامىلىدار بولۇش كۆپكىزەك ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قوشكېزەك ھامىلىدارلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. قوشكىزەك-تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك ۋە قوش تۇخۇملۇق قوشكىزەك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، قوش تۇخۇملۇق قوش كېزەك ئادەتتە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

كېسەللىك نامى :كۆپ كېزەكلىك ھامىلدارلىق

خەنزۇچە نامى :多胎妊娠

تەۋە بۆلۈم :تۇغۇت بۆلۈم

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق ئەمەس

كىسەللىك ئورنى :بالىياتقۇ

 چۈشەندۈرۈش

بىر قېتىملىق ھامىلىدارلىقتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالىغا ھامىلىدار بولۇش كۆپكىزەك ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قوشكېزەك ھامىلىدارلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. قوشكىزەك-تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك ۋە قوش تۇخۇملۇق قوشكىزەك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، قوش تۇخۇملۇق قوش كېزەك ئادەتتە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. 1. تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك. بىر دانە ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلىنىپ قوشكېزەك بولۇپ تەرەققىي قىلسا بۇ(يەككە تۇخۇملۇق) تاق تۇخۇملۇق قوشكېزەك دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە شەكىللىنىدۇ. 2. قوش تۇخۇملۇق قوشكېزەك. ئىككى تۇخۇم ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇرۇقلىنىپ قوش تۇخۇملۇق قوشكېزەكنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىككى تۇخۇم بىر تۇخۇم پۇۋەكچىسىدىن چىقىرىلىدۇ ياكى بىر تۇخۇمداننىڭ ئوخشاش بولمىغان پۇۋەكچىسىدىن يەنە بىر تۇخۇمداندىنمۇ چىقىرىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏