چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تېرە شىللىق پەردىلەر، تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى ۋە لىمفا كاناللىرىدا پەيدا بولىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشلىق تېرە كېسەللىكى بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ماتېرىياللىرىدا ماشرا دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى

1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ: قان خىلىتى تەركىبىگە جاراسىم ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ قوشۇلۇشى، ئۆتكۈر ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى يېيىشتىن قان ھارارىتى ئېشىپ ئوفۇنەت پەيدا بولۇپ، يەرلىك ئورۇننى ياللۇغلاندۇرۇپ بۇ خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.

2. زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن پەيدا بولىدۇ: زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەبىئىتىدىكى ئۆتكۈر ھارارەت تەسىرى ۋە خۇسۇسىيىتىدىكى چىرىتش، نابۇت قىلىش خۇسۇسىيىتى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا تەسىر قىلىپ قۇۋۋەتلەر خىزمىتىنى بۇزۇپ ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىپ بۇ خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى

بۇ كېسەللىك پاقالچاق، يۈز قىسمىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ناھايىتى جىددىي باشلىنىدۇ. ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەردىن پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، توڭۇپ تىترەش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن يەرلىك ئورۇندا چېگرىسى ئېنىق، قاتتىق پارقىراق، ئەتراپقا ناھايىتى تېز كېڭىيىدىغان سۇلۇق ئىششىقلىق قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ. كۆيگەندەك ئېچىشىپ ئاغرىش ئالامىتى بولىدۇ، بەزىدە سۇلۇق، قانلىق قاپارتقۇ پەيدا بولىدۇ. قىزىتما پەيدا بولۇپ، بەزىدە قىزىتما ℃39~40 قا چىقىدۇ. زەخىمگە يېقىن بولغان لىمفا كاناللىرى ۋە لىمفا تۈگۈنلىرىدە ياللۇغلىنىش، ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يۈز قىسمىدا پەيدا بولغانلاردا قىزىل داغ كۆپىنچە بىرتەرەپ يۈز قىسمىدىن باشلىنىپ تەدرىجىي كېڭىيىپ قارشى تەرەپ يۈز قىسمىغا قاراپ كېپىنەكسىمان قىزىل داغلىق سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم باش تېرىسى، ئاستىنقى ئېڭەك قاتارلىقلارغا تەسىر قىلىپ ئاستىن-ئۈستۈن قاپاقلار ئىششىپ كۆزىنىڭ ئېچىلىش، يۇمۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. پۇت قىسمىدا پەيدا بولغانلىرىدا چات ئارىلىق لىمفا تۈگۈنچىلىرى ئىشىپ ئاغرىيدۇ. كلىنىك ئىپادىسى ۋە چىقىش ئورنىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن، تېرە زەخمىسىدە سۇلۇق قاپارتما بولۇش ئاساس بولسا سۇلۇق قاپارتمىلىق تىلما، يىرىڭلىق قاپارتما بولسا يىرىڭلىق قاپارتمىلىق تىلما، ياللۇغلىنىش ئېغىر بولۇپ چوڭقۇر تېرە ئاستى قەۋۋەتلىرىگىچە تەسىر قىلسا ھەم چىرىش پەيدا بولسا چىرىش خاراكتېرلىك تىلما، تەكرار قوزغالسا قوزغىلىشچان تىلما دەپ ئاتىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏