چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بالىياتقۇ يېرىلىش بولسا تۇغۇت كېسەللىكلىرىگە قوشۇلۇپ ئەڭ ئېغىر بولغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ تۇغۇت ۋاقتىدا ياكى ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :بالىياتقۇنىڭ يېرىلىش كېسلى

خەنزۇچە نامى :子宫破裂

يۇقۇملىنىشى :يوق

كېسەللىك ئورنى :بالىياتقۇ

كېسەللىك ھەققىدە

بالىياتقۇ يېرىلىشبالىياتقۇ يېرىلىش بولسا تۇغۇت كېسەللىكلىرىگە قوشۇلۇپ ئەڭ ئېغىر بولغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ تۇغۇت ۋاقتىدا ياكى ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا چارە قىلىنمىسا ئانا ۋە بالىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىياتقۇ يېرىلىشىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن يېزىلاردا يەنىلا ئاز-تولا ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا-بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاكتىپ تۈردە ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن ئۆزلىكىدىن يېرىلىش، زەخمىلىنىش خاراكتېرلىك يېرىلىش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. كېسەللىك پەيدا بولۇش ۋاقتىغا ئاساسەن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يېرىلىش، تۇغۇت مەزگىلىدە يېرىلىش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. يېرىلغان ئورنىغا ئاساسەن بالىياتقۇ تېنى يېرىلىش بالىياتقۇ تۆۋەنكى قىسمى يېرىلىش، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. يېرىلىش دەرىجىسىگە قاراپ تولۇق يېرىلىش ۋە تولۇق بولمىغان يېرىلىش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. كىلىنكىدا بالىياتقۇ يېرىلىشنىڭ %90 تى ئۆزلىكىدىن يېرىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ كۆپىنچە كۆپ تۇغقان ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

تۇلۇق يېرىلىش

تۇلۇق يېرىلىش بۇ بالىياتقۇ پۈتۈن قەۋىتىنىڭ يېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بالىياتقۇ بوشلۇقى ۋە قورساق بوشلۇقى بىۋاسىتە تۇتىشىپ كېتىپ ھامىلە ۋە قوشۇمچە ئەزالار قورساق بوشلۇقىغا كىرىدۇ. يۇقۇملىنىش ئېغىر بولىدۇ، ئەگەر جاراھەت ۋە بالىياتقۇ ئارتىرىيەدىن كۆپلەپ قان چىقىپ كەتسە، بىمار دەرھال شۇك بولۇپ قېلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

تولۇق بولمىغان يېرىلىش

تولۇق بولمىغان يېرىلىش بالىياتقۇ ئىچكى پەردە قەۋىتى ۋە مۇسكۇل قەۋىتى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يىرتىلىپ كېتىدۇ. لېكىن بالىياتقۇ سىرتقى قەۋىتى پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ. قورساق بىلەن بالىياتقۇ بىۋاسىتە تۇتاشمايدۇ. يەڭگىل دەرىجىدە شۇك بولىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ تېمى يېرىلسا كەڭ تارامۇش ئىچىدە قانلىق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر قانلىق ئىششىق داۋاملىق چوڭايسا شىللىق پەردە قەۋىتى داۋاملىق يېرىلىپ، تولۇق يېرىلىشقا ئايلىنىدۇ. تولۇق بولمىغان يېرىلىشتا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولمايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏