چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
نوقۇت ھەر خىل ئۆپكە كېسەللىكلىرى ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، بەدەن ئاجىزلاش ، جىنىسىي تەلىپى تۆۋەنلەش ، قەنت سىيىش كېسىلى ۋە باشقا ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدىغان بولۇپ ، تەسىرى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ .
ئۇيغۇرچە ئىسمى :نوقۇت
ئېنگىلىزچە ئىسمى :Cicer arietinum
خەنزۇچە ئىسمى :鹰嘴豆
تەۋەلىكى :ئۈسۈلۈكلەر دۇنياسى
تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈركۈمى :پۇرچاق تۈركىمى
ئائىلىسى :كېپىنەكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
ئۇرۇقداشلىرى :نوقۇت ئۇرۇقدىشى
نوقۇتشىنجاڭ نوقۇتى 2500 يىل تارىخقا ئىگە بولۇپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇب شىمال ھەممە يېرىدە نوقۇت تېرىلىدۇ . شىنجاڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق ، يامغۇر ئاز ، كۈن چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ، تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ ، ئۆزگىچە ھاۋا كېلىماتى نوقۇتنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ياخشى شارائىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . نوقۇتنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي يېمەكلىك -دۇرا ئۇزۇقلىقى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ .
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى