چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مەقئەت تەمرەتكىسى تۈز ئۈچەينىڭ ئاخىرقى بۆلىكى ياكى تۈز ئۈچەي بىلەن مەقئەت مۇسكۇلىنىڭ تۇتاشقان ئورنىدا بولىدىغان قاتتىق قىچىشىش بىلەن كىشىنى ئازابلايدىغان سوزۇلما تېرە كېسىلىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «قوپائى مەئقەد» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسى

خەنزۇچە نامى :肛门湿疹

تونۇش نامى :gang men shi zhen

باشقا نامى :قوپائى مەئقەد

كېسەللىك ئورنى :تىرە

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق

تەۋە بۆلۈم :تىرە كىسەللىكلىرى بۆلۈم

سەۋەبى

1. بەلغىمى شور تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسىھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە سەپرانىڭ ئارىلىشىشىدىن بۇ خىل نورمالسىز خىلىت ھاسىل بولىدۇ. بەدەندە بۇ خىل نورمالسىز بەلغەم ھاسىل بولغاندا نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ھەمدە بەلغەم خىلىتىنىڭ قىيامى جەھەتتىن قويۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۇ. بۇ خىلىت مەلۇم يېپىشقاقلىق ۋە كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بىلەن يەرلىك ئورۇننى تەكرار غىدىقلاپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

2. قاننىڭ ئوفۇنەتلىنىشى تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسىئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان ماددىلار ۋە ھەر خىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما-ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننى تەكرار غىدىقلاپ ۋە يەرلىك ئورۇنغا توسۇلۇش پەيدا قىلىپ تېرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

3. باشقا ئامىللار تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىر قىلىشى ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تەسىرىدىن يەرلىك ئورۇن تەكرار غىدىقلىنىپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏