چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۈن نۇرىنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ئادەم بەدىنى تېرىسىدە قىچىشىش، قىزىل داغ، سۇلۇق قاپارتمىلار پەيدا بولىدىغان جىددىي ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشلىق تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :نۇر سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسىلى

خەنزۇچە نامى :光敏性皮炎

تونۇش نامى :guang min xing pi yan

كېسەللىك ئورنى :تىرە

تەۋە بۆلۈم :تىرە كىسەللىكلىرى بۆلۈم

سەۋەبى

كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدا تاشقى ۋە ئىچكى ئامىلدىن ئىبارەت ئىككى خىل سەۋەب بار. تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق تەسىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

تاشقى ئامىل: كۈن نۇرى.

ئىچكى ئامىل: قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشى، بەلغىمى شور، ئورگانىزمنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ.

1. كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىش نەتىجىسىدە كۈن نۇرىنىڭ زىيادە ئىسسىقلىقى بەدەننىڭ سىرتقى ئەزاسى بولغان تېرىلەر ئارقىلىق قان ئايلىنىشقا ئۆتۈپ قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىنبى پەيدا قىلىدۇ. قان خىلىتى ئوفۇنەتلىنىپ ئوفۇنەتلەنگەن ماددىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق يەرلىك ئورۇن توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بېرىپ ئۈزلۈكسىز غىدىقلىشى نەتىجىسىدە بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

2. كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىش نەتىجىسىدە كۈن نۇرىنىڭ زىيادە ئىسسىقلىقى بەدەننىڭ سىرتقى ئەزاسى بولغان تېرىلەر ئارقىلىق قانغا ئۆتۈپ بەدەندە شورلۇق بەلغەم شەكىللەنگەندە نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن غەيرىي ماددىلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇ ماددىلار قان ئارقىلىق توقۇلمىلارغا بېرىپ ئارىلىق ماددا سۈپىتىدە توقۇلما ۋە ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا ساقلىنىپ نورمال ماددا ئالمىشىشنى بۇزۇپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئورگانىزمنىڭ سەزگۈرلۈكى ئارتىپ كەتكەندە ئاپتاپقا قاقلىنىش نەتىجىسىدە بەدەننىڭ سەزگۈرلۈكىنبىى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بۇ كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏