چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن تاشقى جىنسىي ئەزالاردا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ، كلىنىكىدا يەرلىك ئورۇن قىزىرىش، قىزىش، ئىششىش، ئاغرىش، ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :سوزۇلما خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىدا يەرلىك ئورۇن تېرىسى قىچىشىدۇ، قىزىرىدۇ، ئىششىيدۇ، ئاغرىيدۇ، كۆيۈشىدۇ، يۇمشاق قاپارتمىلار پەيدا بولىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى :جىنسىي يول ياللۇغى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خەنزۇچە نامى :外阴炎

تەۋە بۆلۈم :ئاياللار بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :جىنسى ئەزا

تەبىرى 

ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى ئەزائى تەناسىلى خارىجى» دەپ ئاتىلىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى كېسەللىكنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا ئاساسەن ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى دەپ ئىككى تۈرگە، كېسەللىك پەيدا بولۇش ھەم يېشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بوۋاقلاردىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى ۋە چوڭلاردىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏