چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تامچە قۇرتنىڭ جىنسىي يولدا پارازىتلىق بىلەن ئۆسۈپ كۆپىيىپ ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرۈشىدىن كلىنكىدا سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كۆپىيىش، جىنسىي ئەزالار قىچىشىش، جىنسىي ئەزالار كۆيۈشكەندەك بولۇش، توغماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :ئاق خۇن كۆپ كېلىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى :خىلتىسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

خەنزۇچە نامى :滴虫性阴道炎

تەۋە بۆلۈم :ئاياللار بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :جىنسى يول

تەبىرى 

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تامچە قۇرتنىڭ جىنسىي يولدا پارازىتلىق بىلەن ئۆسۈپ كۆپىيىپ ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرۈشىدىن كلىنكىدا سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كۆپىيىش، جىنسىي ئەزالار قىچىشىش، جىنسىي ئەزالار كۆيۈشكەندەك بولۇش، توغماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. جىنسىي يول تامچە قۇرتى- تامچە قۇرت نەشپۈت شەكىلدە بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى تەخمىنەن كۆپ يادرولۇق ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ 2 ~ 3 ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 ~ 20ml ، كەڭلىكى 5 ~ 15ml كېلىدۇ. باش تەرىپىدە 4 تال مويى بولىدۇ. قۇيرۇق تەرىپىدىن ئوق غولى چىقىپ تۇرىدۇ. قورسىقىدا يەنە دولقۇن شەكىللىك تەۋرەتكۈچ پەردىسى بولىدۇ. بۇ ئوق غولى بىلەن تۇتاشقان بولۇپ شۇ ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. يادروسى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. پەقەت ئوزۇقلاندۇرغۇچى تەنچىسىلا بولۇپ، قاپلىق تەنچىسى بولمايدۇ  . بۇ بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى شەكلىدە كۆپىيىدۇ. تامچە قۇرۇتنىڭ ياشىشى ئۈچۈن PH قىممىتى 5.5~6 بولغان شارائىت ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، PH قىممىتى 5 تىن تۆۋەن 7.5 دىن يۇقىرى بولغان مۇھىتتا ياشىيالمايدۇ. 46℃ لۇق مۇھىتتا ′20 ~ ′60 غىچە ياشىيالايدۇ. قۇرۇق ھەم سوغۇق مۇھىتتا بەلگىلىك ھاياتىي كۈچىنى ساقلىيالايدۇ. ئادەتتىكى سوپۇن سۈيىدە 45′~2h كىچە ياشىيالايدۇ. بۇ قۇرت كىسلاتالىق مۇھىتقا سەزگۈر بولۇپ ياشىيالمايدۇ. ھەيز دەۋرىدە جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىقى ئاجىزلاپ، تامچە قۇرتنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە قۇلايلىق بولىدۇ، شۇڭا ھەيزدىن كېيىن ئاسان قوزغىلىدۇ. بۇ جىنسى يول ئارقا گۈمبەز قىسمىدا كۆپرەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۈيدۈك يولى، دوۋساق ۋە ئەرلەرنىڭ خەتنىلىك قاتلىرى، مەزى بېزىگە بېسىپ كىرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏