چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما بەزلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتى بۇزۇلۇپ، قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قاندىكى قەنتنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كلىنىكىدا كۆپ يېيىش، كۆپ ىئچىش، كۆپ سىيىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ھەقىقىي قەنت سىيىش كېسىلى

خەنزۇچە نامى :糖尿病

تەۋە بۆلۈم :

ئىچكى بۆلۈم

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق ئەمەس

يۇقۇملىنىش يولى :يۇقمايدۇ

سەۋەبى

1. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان ئاستى بەز ئارالىچىنى غىدىقلاپ بەز ھۈجەيرىنى زەخىملەندۈرۈپ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىشى بىلەن بىرگە، ئىنسۇلىنغا قارشى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسۇلىن يېتىشمەي، قاندىكى قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قان قەنتنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بەز راكى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا ياكى ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ مەلۇم قىسمىنى كېسىۋەتكەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئىنسۇلىن يېتىشمەي قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قان قەنتى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى تەسىرىدىن قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش مەركىزىنىڭ خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىپ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي، قان قەنتىنىڭ يۇقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. مېڭە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مېڭە سىلكىنىش، مېڭە ياللۇغى ۋە ھەرخىل مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن دۆڭچە مېڭە ئاستى قىسمىدىكى قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش مەركىزىنىڭ خىزمەت پائالىيىتى تەسىرىگە ئۇچراپ، قان قەنتنى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6.باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زىيادە سېمىزلىك، ھامىلىدارلىق، ھەرخىل يۇقۇملىنىش، زەخىملىنىش، ئوپېراتسىيە قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قان قەنتى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قەنت سېيىش كېسەللىكى كۆپىنچە ئوتتۇرا ياش، ياشانغان، بەدىنى سېمىز كىشىلەردە پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ. بەزىلەر يەنى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلاردا كېسەللىك تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولىدۇ. دەسلەپتە بىمارنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولۇپ، ھېچقانداق ئالامەت ئىپادىلەنمەيدۇ. پەقەت تەكشۈرۈش جەريانى تاسادىپىي سۈيدۈكتە قەنت بايقىلىدۇ. تەدرىجىي ئېغىرلىشىشقا ئەگىشىپ ھېرىپ-چارچاش، ماغدۇرسىزلىق، روھىي كەيپىياتى سۇسلىشىش، بەدىنى يۇقۇملىنىشقا مايىل بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏