چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمداندا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ، كلىنكىدا تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھامىلىدار بولالماسلىقتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :تۇخۇمدان ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھامىلىدار بولالماسلىق

خەنزۇچە نامى :卵巢炎

تەۋە بۆلۈم :ئاياللار بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :تۆۋەنكى قورساق ساھەسى

تەبىرى 

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمداندا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ، كلىنكىدا تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھامىلىدار بولالماسلىقتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. تۇخۇمدان ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى خىسيەالرەھىم» دەپ ئاتىلىدۇ. تۇخۇمداننىڭ نوقۇل ياللۇغلىنىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچە ياللۇغى تۇخۇمدانغا تەسىر قىلىپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى-تۇخۇمدان ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. تۇخۇمدان ياللۇغى كېسەللىك جەريانىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە ئېغىر-يېنىكلىكىگە ئاساسەن ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏