چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇيغۇرلار ئۈجمە دەرىخىنى ساخاۋەت دەرىخى، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ساۋابلىق ئۈچۈن ھەر يىلى ئۈجمە دەرىخى تىكىش، ئۈجمە دەرىخىنى ئىختىيارىي ھالدا پۈتۈن خەلق مۇھاپىزەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئۈجمە

خەنزۇچە نامى :桑椹

 ئۈجمە ھەققىدە 

ئۈجمەئۇيغۇرلار ئۈجمە دەرىخىنى ساخاۋەت دەرىخى، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ساۋابلىق ئۈچۈن ھەر يىلى ئۈجمە دەرىخى تىكىش، ئۈجمە دەرىخىنى ئىختىيارىي ھالدا پۈتۈن خەلق مۇھاپىزەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا، كەنتلەرنىڭ ھويلا – ئارام، ئىشىك ئالدى، باغۋارانلىرىغا، ئېتىز قىرلىرىغا، يول بويى، ئېرىق – ئۆستەڭ ئەتراپى ۋە باشقا مۇۋاپىق يەرلەرگە خالىس ئۈجمە دەرىخى تىكىلىدۇ.

ھەر يىلى ئۈجمە مەي باغلاپ پىشقاندا، ھەرقايسى يېزا – كەنت، مەھەللە ئاھالىسى ئۆز ئالدىغا ئۈجمە سەيلىسى ئۆتكۈزىدۇ. ئۈجمە يەپ بولۇپ، ئۈجمە ئەھيا قىلغۇچىلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بەزىلەر چۆنەك چاپسا، بەزىلەر ئۈجمىنى تەڭنە ياكى داسقا سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ مىجىپ ياكى چېلىپ، ئۈجمىنى دانچىلاشتۇرۇپ، كۇلا(ئارغامچە)نى ئۈجمە چىلانغان تەڭنە ياكى داسقا سېلىپ، ئۈجمە دانچىلىرى كۇلىغا يۇققاندا ئۇنى چېپىلغان چۆنەككە سېلىپ كۆمۈپ ئۈستىدىن سۇغىرىدۇ. كۇلا بىلەن كۆمۈلگەن ئۈجمە ئۇرۇقى بىر قانچە كۈندىلا قويۇق ئۈنۈپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا خالىس ئەمگەك قىلغۇچىلار نوتىلارنى تاقلاپ، پەرۋىش قىلىدۇ، مۇۋاپىق شارائىتتا كۆچۈرۈپ، ھايۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ ئاسرايدۇ. دېمەك، ئون تۈپ ئۈجمىنىڭ مېۋىسىنى يېگەن بولسا، 100 تۈپ، 1000 تۈپ ئۈجمە كۆچىتى ئۈندۈرىدۇ. ئۈجمە سەيلىسىدە كىشىلەر تەڭتۇشلىرى بىلەن بەزمە، باراۋەت قىلىپ، مۇزىكا چېلىپ، ناخشا، مۇقام ئېيتىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. بۇ سەيلىگە چىقالمىغان كىشىلەر غېرىبسىنىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى قوشاقتىن كۆرۈڭ:

    ھەر شەنبە چىقىپ يەيتىم،

    مەي باغلىغان ئۈجمەڭنى.

    بۇ شەنبە چىقالمىدىم،

    نە قىلاي غېرىبلىقنى.

    ئۈجمە يېڭى پىشقاندا، يوقسۇللار ياكى ئۈجمىدىن پايدىلىنىپ كىرىم قىلغۇچىلار ئۈجمىنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ سېتىپ كىرىم قىلىدۇ. يەنە بەزى يېزا ئاھالىسى ئۈجمىنى يېڭىلىق سوۋغىسى قىلىپ شەھەردىكى تۇغقانلىرىنى يوقلايدۇ. كىشىلەردىن ئېشىپ، تۆكۈلۈپ ياتقان ئۈجمىدە ئۈجمە شىرنىسى قاينىتىدۇ، قۇرۇپ قالغانلىرىنى قاق سالىدۇ، ئۈجمە قاقلىرىنى دورىگەرلەر سېتىۋېلىپ دورىلىققا ئىشلىتىدۇ. يىل ئاخىرىدا بۇنداق قۇرۇق ئۈجمىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلىدۇ ھەم روسىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلغان ئۈجمە شەربىتى ياساش زاۋۇتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تەمىنلەشتىن تاشقىرى خەلقئاراغا يۈزلەندى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏