چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يۈرەك رېتىمسىزلىقى ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن يۈرەكتىكى روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىقى ھەتتا ئوخشاپ قېلىش ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان كېسەللىك

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

جۇڭيى تىبابىتى نامى :يۈرەك رىتىمسىزلىقى

تەۋە بۆلۈم :يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :يۈرەك

ئىنگىلىزچە نامى :arrhythmia

كېسەللىك ھەققىدە

يۈرەك رېتىمسىزلىقىيۈرەك رېتىمسىزلىقى ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن يۈرەكتىكى روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىقى ھەتتا ئوخشاپ قېلىش ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «خەفەقان» دەپ ئاتىلىدۇ.

يۈرەك رىتىمسىزلىقى-ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى ۋە مىزاج بۇزۇلۇش خاركتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى

ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سەۋەبتىن يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش يوللىرىدا نورمالسىزلىق يۈز بېرىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى كېسەللىك ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن-سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى، دالانچە خاراكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىقى ۋە قىرىنچە خاراكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىقى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. تۆۋەندە نۇقتىلىق قىلىپ سىنۇسلۇق يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك مۇددەتتىن بۇرۇن قىسقىرىش، تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش ۋە يۈرەك تىترەش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىسمسىزلىقى

ھەرخىل كېسەللىكلەر تەسىرىدىن سىنۇس تۈگۈنچىسىنىڭ ئىمپۇلس ھاسىل قىلىش ۋە ئىمپۇس قويۇپ بېرىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش، يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏