چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەر ھۈجەيرىلىرى ياكى جىگەر ئىچىدىكى ئۆت نەيچە توقۇلمىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ، كلىنىكىدا ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك جىگەر چوڭىيىش، جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، ئاغرىش، جىگەر ماددىسى قاتتىقلىشىش، تۇتۇپ تەكشۈرگەندە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تۈگۈنچىلەر ياكى مونەكچىلەر قولغا ئۇرۇنۇش، ئۇرۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ~5030ياشلىقلاردا ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :جىگەر راكى

ئاساسلىق ئالامىتى :جىگەر ساھەسى ئاغرىش

كېسەللىك سەۋەبى :B تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەرياللۇغىنىڭ ئاسارتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خەنزۇچە نامى :肝 癌

تەۋە بۆلۈم :جىگەر بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :جىگەر

سەۋەبى

1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى جىگەر توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندا چۆكمىگە چۈشۈپ، ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇققا قىلىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، نىكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى ھۈجەيرىلەر زەخىملىنىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرتىپسىز ئۆسۈش كېلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە يەرلىك ئورۇندا نىكروزلانغان ھۈجەيرىلەر ۋە ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرى توپلىشىپ ياكى تەرتىپسىز ئۆسكەن ھۈجەيرىلەر توپلىشىپ، تەدرىجىي جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2. جىگەردىكى ھەرخىل كېسەللەرنىڭ ئاسارىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ 

 (1) B تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەرياللۇغىنىڭ ئاسارتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار ۋاقتىدا ياخشى داۋالانماسلىقى ۋە ياكى داۋالانغان تەقدىرىدىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ساقايماي ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبىدىن، جىگەر ھۈجەيرىلىرى ۋە جىگەر ئىچىدىكى ئۆت نەيچىلىرى زەخىملىنىپ، تەدرىجىي ھۈجەيرە توقۇلمىلار نورمالسىز ئۆسۈپ كۆپىيىپ، تۈگۈنچە خاراكتېرلىك جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. جىگەر قېتىشىش تەدرىجىي ھالدا جىگەر راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ. 

 (2)جىگەر قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ تەرەققىياتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

جىگەر قېتىشىش كېسەللىكىگە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغاندا، جىگەر ھۈجەيرىلىرى كۆپلەپ زەخىملىنىپ، جىگەردىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلار نورمالسىز ئۆسۈپ كۆپىيىپ، جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەر قېتىشىشقا جىگەر راكى قوشۇلۇپ كېلىدىغانلار پۈتۈن جىگەر راكى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ %50~30نى ئىگىلەيدۇ. 

3. راك پەيدا قىلغۇچى ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

تەركىبىدە نىتروزامىن كۆپ بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، سېرىق ئىچىتقۇ زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغانغان، كۆكەرگەن كۆممىقوناق ۋە كۆكەرگەن خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي جىگەر ھۈجەيرىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ كۆپىيىپ، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4. پارازىت قۇرت كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

جۇڭخۇا ئاچىماق ئۇرۇقدانلىق شورىغۇچ قۇرتى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەدەندە يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىپ، يېتىلگەن قۇرت جىگەردىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۆت نەيچىسى ئىچىدە پارازىنلىق بىلەن ياشاپ، تەدرىجىي ئۆت نەيچە ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىنى غىدىقلاپ، بەز ئۆسمىسىگە ئوخشاش قايتا ئۆسۈش پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە جىگەر ئۆت نەيچە ھۈجەيرە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

5. ئېرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ 

جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا ئائىلە جەمەت تارىخى بولىدۇ. جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جىگەر راكى بىلەن ئاغرىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏