چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بەدەن تېرىسىنىڭ كۈن نۇرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلىرىدا قوڭۇر قىزىل رەڭلىك قېتىشىپ، قاسىراقلىشىپ قېلىنلايدىغان، قىچىشىدىغان زەخىملىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «چارلاش» ياكى «قارا تەمرەتكە» دەپ ئاتىلىدۇ.چالاشچالاشچالاش

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :چالاش

كېسەللىك سەۋەبى :ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بۇلىدۇ

خەنزۇچە نامى :烟酸缺乏病

تەۋە بۆلۈم :تېرە كېسەللىكى بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :قول،كۆكرەك،گەدەن

سەۋەبى

1. سەۋدا خىلىتى مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كەتسە، بەدەندە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئاستىلىتىدۇ ۋە خىلىتلارنىڭ لەتف سۇيۇق تەركىبلىرىنى خورۇتۇپ قويۇلۇش پەيدا قىلىدۇ، بۇ نورمالسىز سەۋدا خىلىت تېرە توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا يىغىلىپ تەدرىجىي قويۇلۇپ چۆكمىگە چۈشۈپ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بۇلىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك يۈز بەرگەندە بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى، جۈملىدىن تېرە توقۇلما ئەزالىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەي، تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ قېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏