چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن ھەيز مەزگىلىدە ياكى ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۆۋەنكى قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىپ ياكى باشقا بىئاراملىقلار بولۇپ، كۈندىلىك پائالىيەتلەر ۋە ئەمگەككە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھەم ئالامەت ھەم كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش

خەنزۇچە نامى :痛经

تەۋە بۆلۈم :ئاياللار بۆلۈم

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇقۇملۇق ئەمەس

يۇقۇملىنىش يولى :يۇقمايدۇ

چۈشەنچە

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن ھەيز مەزگىلىدە ياكى ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۆۋەنكى قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىپ ياكى باشقا بىئاراملىقلار بولۇپ، كۈندىلىك پائالىيەتلەر ۋە ئەمگەككە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھەم ئالامەت ھەم كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئۆزىدە ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەزالاردا ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ مەۋجۇۇلۇقى سەۋەبىدىن (بالىياتقۇ بوينى بەك تار ياكى بالىياتقۇنىڭ ئورنى نورمال بولماسلىق، بالىياتقۇ تولۇق تەرەققىي قىلالماسلىق، بالىياتقۇدا ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردا ئۆسمە ۋە ياللۇغلۇق ئۆزگىرىشلەر بولۇش) كېلىپ چىققان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئالامەت، مىزاج بۇزۇلۇش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏