چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەدەندە ھاسىل بولغان بۇزۇق ماددا ياكى بۇخارات گازلارنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىپ روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىدىن ھەقىقىي مېڭە پەردە ياللۇغىدىكىگە ئوخشاش باش ئاغرىش، جۆيلۈش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ساختا مېڭە پەردە ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :باش ئاغرىش، قىزىش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، جۆيلۈش

خەنزۇچە نامى :假性脑膜炎, 虚性脑膜炎

تەۋە بۆلۈم :مېڭە بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :مېڭە

سەۋەبى

ھەرخىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزادا پەيدا بولغان بۇزۇق ماددا ياكى بۇخارات گازلار مېڭىگە تەسىر قىلىپ، روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپساننىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏