چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ماددىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلاندۇرۇشىدىن كلىنىكىدا يۇتۇش قىيىنلىشىش، قىزىش، تۆش سۆڭەك ئارقىسى ئېچىشىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «شەدىد ۋەرمى مەرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى

خەنزۇچە نامى :急性食管炎

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق ئەمەس

كېسەللىك ئورنى :ئىچكى بۆلۈم

يۇقۇملىنىش يولى :يۇقمايدۇ

سەۋەبى

1. زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى  توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل مىكروبلار بىلەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى كۈچلۈك غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى  ياللۇغىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى ياللۇغدىكى ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچ تەرەپكە يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرى يۇقۇملىنىپ ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل دېھقانچىلىق دورىلىرى، شۇىڭدەك كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بولغان خىمىيىلىك ماددىلار ۋە دورىلارنى بىلمەسلىكتىن ياكى قەستەنگە ئىچىۋالغاندا بۇ خىل ماددىلار قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى چىرىتىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زىيادە قىزىش، زىيادە سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ياكى يىرىك تاماقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش بىلەن قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرى تەكرار غىدىقلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏