چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق خۇن كېلىش، جىنسىي ئەزا قىچىشىش، كۆيۈشۈپ ئاغرىش، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :ئاق خۇن كۆپىيىدۇ

كېسەللىك سەۋەبى :خىلتىسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى كېلىپ چىقىدۇ

خەنزۇچە نامى :真菌性阴道炎

تەۋە بۆلۈم :ئاياللار بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :جىنسىي يول

تەبىرى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان جاراسىمنىڭ جىنسىي يولدا پارازىتلىق بىلەن ئۆسۈپ كۆپىيىپ، ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرۈشىدىن كىلىنكىدا پۇرچاق تىلىپىدەك ئاق خۇن كېلىش، جىنسىي ئەزا قىچىشىش، كۆيۈشۈپ ئاغرىش، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ كېسەللىك كۆكەرتكۈچى جاراسىم خاراكتېرلىك جىنسى يول ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىدىن قالسىلا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان جاراسىم كۆكەرتكۈچى جاراسىمنىڭ بىر تۈرى، كۆكەرتكۈچى جاراسىم بىر خىل گرام مۇسبەت باكتېرىيە (جاراسىم) بولۇپ، بۇ جاراسىم سوقىچاق شەكلىدە بولىدۇ. بىخلىما سپورا ۋە ھۈجەيرە بىخلىنىشتىن شەكىللەنگەن باكتېرىيە ساختا يىپچىلىرى بولىدۇ. بۇ يىپچىلار سپورا بىلەن زەنجىرسىمان ياكى شاخسىمان ھالەتتە تۇتىشىدۇ. 5.5~6.5-PH بولغان مۇھىتتا ئۆسۈپ كۆپىيەلەيدۇ. ھامىلىدار بولمىغان ئاياللارنىڭ 10% ى ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ 33% نىڭ جىنسىي يولىدا بۇ خىل جاراسىملار بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىمدا ياللۇغلۇق ئۆزگىرىش ۋە باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. پەقەت ئاز ساندىكىلەر ياكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەرلىك ئورۇندىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن جاراسىملار ئۆسۈپ كۆپىيىپ، نورمال جاراسىملار توپى بۇزۇلغاندا ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏