چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كلىنىكىدا يۇقىرىقى قورساق قىسمى يېقىمسىزلىنىش، ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىق، كېكىرىش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :كېسەللىك تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، تەكرار قوزغىلىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى :تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خەنزۇچە نامى :慢性胃炎

تەۋە بۆلۈم :ئاشقازان كېسەللىكى بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :ئاشقازان

سەۋەبى 

1. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بىلەن ئاشقازان توقۇلما شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان توقۇلما شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا، ئۆزىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان توقۇلما شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، توقۇلمىلارنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشى ۋە چىقىپ كېتىشگە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن تەبىئىي قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئاشقازانغا تەسىر قىلغاندا توقۇلما ئارىلىقى سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشى سۇسلاشتۇرۇىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاشقازان توقۇلما شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماي ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى توغرا بولماسلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەك تويۇنۇپ تاماق يېيىش، يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراق ئىچىش، يىرىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىش، دائىم تاماقنى قىزىق ئىستېمال قىلىش، قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشكە ئادەتلىنىش، تاماكا چېكىش، تەم تەڭشىگۈچلەرنى بەك كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى تەكرار غىدىقلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئېقىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قورساق ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىش ياكى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بوشىشىپ كېتىش بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى تەتۈر يېنىپ ئاشقازانغا چىقىپ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8.يۇقىرىقى نەپەس يوللىرى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۇقىرىقى نەپەس يوللىرى ياللۇغىدىكى سىرغىتما ماددىلار قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرىپ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. باشقىلار:

يۈرەك زەئىپلىشىش، جىگەر قېتىشقا ئوخشاش دەرۋازا ۋېنا بېسىمىنى ئاشۇرىدىغان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئاشقازاندا ئۇزۇن ۋاقىت قان قىيىپ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنىڭ نورمالنى ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاشقازان سوزۇلما ياللۇغلىنىشنى كېلىپ چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏