چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۆز تەن سەزگۈرلۈكى ئېشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى-ئاغرىقلارنىڭ تېرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىش بولغا ئورۇندا ھاسىل بولغان، مەلۇم ماددىلارغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر بولۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان تېرىنىڭ بىر خىل ياللۇغلۇق رېئاكسىيىسىدىن ئىبارەت.بۇ كېسەلنى يەنە ئۆزلۈكىدىن سېزىمچانلىنىش خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ئۆز تەن سەزگۈلۈكى ئېشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى

خەنزۇچە نامى :自身过敏性皮炎

تەۋە بۆلۈم :تىرە كېسەلىكلىرى بۆلۈم

سەۋەبى

1. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ قاننى ئوفۇنەتلەندۈرۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار  تۈپەيلىدىن سەپرا خىلىتى تەركىبىگە قويۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلىشىش پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل خىلىتنىڭ قىيامى قويۇق، يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ ئۆزىنىڭ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن قان خىلىتىنىڭ نورمال خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ قاننى بۇزىدۇ.

بۇ خىل خىلىت ئۆزىنىڭ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن قان تومۇر ئىچىدىكى خىلىتلارنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىۋېتىپ، خىلىتلارنىڭ قان تومۇرىدىن توقۇلما، ھۈجەيرىلەر تەرىپىگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ ھەمدە قان تومۇر ئىچىدىكى خىلىتلارنى قويۇلدۇرۇپ توقۇلما، ھۈجەيرە ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تومۇر ئىچىگە ئېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توقۇلما، ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىدىكى سۇيۇقلۇقلار ئازلايدۇ ھەمدە بۇ خىل نورمالسىز خىلىت توقۇلما، ھۈجەيرە ئارىلىقلاردا تۇرۇپ قالغانلىقتىن يەرلىك ئورۇندىكى تېرە سەزگۈر نېرىپلارنى غىدىقلىشى ھەم تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇش شۇنداقلا تېرىنىڭ قۇۋۋىتى دافىئەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىپ بۇ كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.

2. قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشى تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ھەر خىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ، بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏