چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش باش ئاغىرىش ____ ھەر خىل مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان، باشنىڭ چوققا قىسمىدىن تارتىپ گەجگە سۆڭىكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغىچە بولغان دائىردىكى ئاغرىشلارنى ئوموملاشتۇرۇلۇپ باش ئاغرىش دىيلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :باش ئاغىرىش

خەنزۇچە نامى :头疼،头痛

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

ئىنگىلىزچە نامى :headache

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى 

4پارچەباش ئاغىرىشباش ئاغىرىش ____ ھەر خىل مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان، باشنىڭ چوققا قىسمىدىن تارتىپ گەجگە سۆڭىكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغىچە بولغان دائىردىكى ئاغرىشلارنى ئوموملاشتۇرۇلۇپ باش ئاغرىش دىيلىدۇ. باش ئاغرىش- دەردى ىسەر، سودائى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۆز ئالدىغا مەخسۇس بىر كېسەللىك بولماستىن ھەر خىل كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كىلىپ چىققان ئالامەتتۇر. ئۇ ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشتىكى توقۇلما، شىللىق پەردە، پەي، تارامۇش ۋە نېرۋىلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان يەرلىك ئورۇندىكى يېقىمسىزلىنىشتىن ئىبارەت. باش ئاغرىقىنى باشتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، باش سىرتىدىكى، باش سۆڭىكىدىكى ۋە باش ئىچىدىكى كېسەللىكلەر كەرتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىپ قالىدۇ. لېكىن بەزى ئۆتكۈر كېسەللىكلەردە بولسا باش ئاغرىقى ئەكسىنچە ئېغىرلىشىپ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن : يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى، مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى، مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە زەخمىلىنىش قاتارلىقلاردا ئاغرىش ئېغىرلىشىپ كەتسە كېسەللىكنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردۇ، بۇنىڭدىن ھۇشيار بولۇش لازىم. ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلىرىدە « دەردى سەر » دىيىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏