چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، سۇلۇق ئىششىق بولۇش، سۈيدۈكتە ئاقسىل، قەنت بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ئىپادىلىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق خاراكتېرلىك كېسەللىك .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى

خەنزۇچە نامى :慢性肾炎

تەۋە بۆلۈم :بۆرەك كېسللىكلىرى بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :بۆرەك

تەبىرى

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماسلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بۆرەك شارچىلىرى ۋە بۆرەك توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، سۇلۇق ئىششىق بولۇش، سۈيدۈكتە ئاقسىل، قەنت بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ئىپادىلىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەزكۇر كېسەللىكنىڭ جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، 3~5 يىلغىچە بولىدۇ.

سوزۇلما بۆرەل ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى كۇليە مۇزمىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى-سوزۇلما بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى، يوشۇرۇن خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى، سوزۇلما ئارىلىق ماددا خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏