چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ قىزلىق پەردىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆشۈك بولماي، كلىنكىدا ھەيز قېنى توسۇلۇپ قېلىش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەك شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە «تۆشۈكسىز قىزلىق پەردە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىزلىق پەردە پۈتەيلىكى ئاياللار كۆپىيىش ئەزالىرىدىكى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :قىزلىق پەردە پۈتەيلىكى

خەنزۇچە نامى :处女膜闭锁

تەۋە بۆلۈم :ئاياللار بۆلۈم

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق ئەمەس

يۇقۇملىنىش يولى :يۇقمايدۇ

ئالامىتى

بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق ھەيز كەلمەيدۇ. يىغىلىپ قالغان ھەيز قېنىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھەيز دەۋرلىكى بىلەن ماسلاشقان ھالدا تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىيدۇ، تەدرىجىي ئېغىرلىشىدۇ. جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇغا يىغىلغان قان بېسىلىش، غىدىقلىنىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ (مەسىلەن: تولا سۈيدۈك قىستاش ……) ، تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەك پەيدا بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتكە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏