چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ يەرلىك ئورۇن تېرىسىدە قىزىل داغلىق تەڭگە قاسىراقچە بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، ئۆزلۈكىدىن چەكلىنىپ تۇرىدىغان ياللۇغلىنىشلىق تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ كېسەل يەنە ھال رەڭ تەمرەتكە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :قىزىلگۈل رەڭلىك توپان ئەسۋىسى

خەنزۇچە نامى :玫瑰糖疹

تەۋە بۆلۈم :تېرە كىسەللىكلىرى

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق ئەمەس

يۇقۇملىنىش يولى :يۇقمايدۇ

سەۋەبى 

قاننىڭ ئوفۇنەتلىنىشى سەۋەبىدىن

ھەر خىل چىرىگەن، بۇزۇلغان، زەھەرلىك ماددىلار، كېسەل پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ قان خىلىتىدا ئوفۇنەت پەيدا قىلىش بىلەن قان خىلىتى تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە، توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بارغاندا تېرە توقۇلمىلىرىنى تەكرار غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرانىڭ قانغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن

ھەر خىل سەۋەبلەردىن سەپرا خىلىتى تەركىبىگە قويۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلىشىپ تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى پەيدا بولغاندا، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىرگە باشقا خىلىتلارنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بارغاندا بۇ خىل ماددىنىڭ بەدەندە ئۆزلىشىش سالاھىيىتى بولمىغاچقا تېرە، توقۇلما، ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلىشى سەۋەبىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏