چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لۇڭچۈەن ئېكولوگىيە بېلىقچىلىق ئارامگاھى توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزا تىگىن كەنتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى توقسۇ – شايار ئۆستىڭىنىڭ سول تەرىپىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :لۇڭچۈەن ئېكولوگىيە بېلىقچىلىق ئارامگاھى

تەۋە دۆلەت :

جۇڭگو

قاراشلىق رايون :توقسۇ ناھىيە

جۇغراپىيەلىك ئورنى :ئىچئېرىق يېزا تىگىن كەنتىنىڭ غەربىي قىسمى

دەرىجىسى :ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى 

لۇڭچۈەن ئېكولوگىيە بېلىقچىلىق ئارامگاھى توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزا تىگىن كەنتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى توقسۇ – شايار ئۆستىڭىنىڭ سول تەرىپىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارامگاھقا 2011 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، دەپ نام بەرگەن.

ئارامگاھنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مودىن ئارتۇق بولۇپ، 15 مودىن ئارتۇق يەرگە نىلۇپەر تېرىلغان. ئارامگاھتا ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش زالى، سۈنئىي كۆل، بېلىق تۇتۇش سۇپىسى، سۇ ئۈزۈش كۆلى ۋە دۇكان قاتارلىقلار بار. ھازىر بۇ ئارامگاھ مەنزىرىسى گۈزەل، قاتنىشى قولاي، بېلىق بېقىش، بېلىق تۇتۇش، كۆڭۈل ئېچىش، نىلۇپەردىن ھۇزۇرلىنىش، قولۋاق ھەيدەش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساياھەتچىلەر ئۆزى تۇتقان بېلىقلارنى ئۆزلىرى پىشۇرۇپ يېيىش قاتارلىق ئارام ئېلىش تىپىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا ئايلاندى.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏