چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كاجول دېۋاگان ھىندىستان نىڭ نام چىقارغان ئايال ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى. 1974-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ھىندىستان بومباي دا تۇغۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كاجول دېۋاگان

خەنزۇچە ئىسمى :卡卓尔·德乌甘

باشقا نامى :كاجول

دۆلەت تەۋەلىكى :ھىندىستان

يۇرتى :بومباي

تۇغۇلغان ۋاقتى :1974-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى

بوي ئېگىزلىكى :168cm

كەسپى :ئاكتىيور، ئارتىس

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :St Joseph Convent boarding school in Panchgani

ۋەكىللىك ئەسىرى :كېلىن يۆتكەش، بۇنداق ئىشلار بولۇپ يۇرىدۇ

ئەسلى ئىسمى :كاجول مۇكارجى

ئىنگلىزچە نامى :Kajol Devgan

شەخسى ئارخىپ

كاجول دېۋاگان 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئافغانىستان قان سېستىمىسىدىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئەسلى ئىسمى كاجول مۇكارجى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ھىندىستاندىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كىنوچىلىق ئائىلىسى، ئۇلۇغ بوۋىسى ھىندىستان دىكى پىشۋا دەرىجىسىدىكى رېژىسور، بوۋىسى ساشاد مۇكارجى ۋە ھاممىسى ناھايتى چوڭ يۈزى بار كىشىلەردىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تاغىسى ھامما ئانىسى، نەۋرە ئاكا ئۇكا ،ئاچا-سىڭىللىرى بوللىۋودتىكى داڭلىق چولپانلاردىن.

كاجولنىڭ دادىسى شومۇ مۇكارجى رېژىسور ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى، ئاپىسى تانۇجا مۇكارجى ئىلگىركى مۇكاپاتلانغان ئاكتىيور، ھامما ئانىسى نۇتان ھىندىستانىڭ نام قازانغان كىنو خانىشى، ئۇنىڭ مومىسى شوبنا ساماش ۋە ئۇلۇ مومىسى راتان بەيمۇ ھىندى تىلىدا ئىشلىندىغان كىنو ئارتىسىرى ئىدى. كاجولنىڭ سىڭلىسى تانىشا مۇكارجى كىنو ساھەسىدىكى يېڭى ئەزا.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏