چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دېگەن ئەسەرنى ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ دورىگەرلىك ئالىمى لى شىجىن 27 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى

خەنزۇچە نامى :本草纲目

ئاپتورى :لى شىجىن

نەشىردىن چىقققان ۋاقتى :1590-يىلى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش 

7پارچەدورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى »دېگەن ئەسەرنى ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ دورىگەرلىك ئالىمى لى شىجىن 27 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان . بۇ قامۇس 1578 - يىلى پۈتكەن ، جەمئىي 52 توم بولۇپ ، قامۇسقا 1892 خىل دورىلىق ئۆسۈملۇك ، 11096 خىل رېتسىپ ، 1160 پارچە رەسىم كىرگۈزىلگەن .قامۇس يەنە دورىلارنىڭ تەبىئىي تۈرىگە ئاساسەن سۇ، ئوت ، تۇپراق ،مېتال،ئوت-چۆپ، مېۋە، دانلىق زىرائەت ، كۆكتات، ياغاچ، جابدۇق ، ھاشارات، قاسراق ، قۇش، ھايۋان، ئادەمدىن ئىبارەت 16 بۆلۈم (سىنىپ) قا بۆلۈنگەن ، ھەر بىر بۆلۈمى يەنە بىر قانچە تۈرگە ، يەنى، جەمئىي 60 تۈر (ئەترەت) گە بۆلۈنگەن.

«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى » دا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ 16-ئەسىردىن ئىلگىرىكى دورا ئىشلىتىش تەجرىبىلىرى ۋە بىلىملىرى خۇلاسىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ دورا ئىشلىتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلىرى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىگە ئەمەلىيەت چىقىش قىلىنغان ئاساستا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.ئاپتۇر ئۆزى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقان . تۈرلەرگە ئايرىش جەھەتتە بىر قەدەر ئىلمىي ، مەزمۇنى غەرىپ ئۆسۈمۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىنىڭ ئىجادچىسى لىننې 1735-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ، پەقەتلا 12 بەتلىك «تەبىئىي سىستىما»كىتابتىن مول. قامۇستا يەنە خەلىق ئارىسىدىكى ئاددىي ۋە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپلار ھەم دورا يىغىش ، تېرېش، ياساش، ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، كېيىنكىلەرنىڭ جۇڭيى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن . بۇ كىتاب دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن دۆلەت ئىچىگە كەڭ تارقالغا ، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرگە ئىگەبولغان . 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏