چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نېلۇپەر ئېكولوگىيە ئارامگاھى ___ توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نېلۇپەر باغچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :نېلۇپەر ئېكولوگىيە ئارامگاھى

قاراشلىق دۆلەت :جۇڭگو

تەۋە رايون :شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى

جۇغراپىيەلىك ئورنى :ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالى

دەرىجىسى :3A دەرىجىلىك

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش 

نېلۇپەر ئېكولوگىيە ئارامگاھى ___ توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نېلۇپەر باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارامگاھ 200 مو كېلىدۇ. 2004 – يىلى بىر يەككە تىجارەتچى بۇ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ 8 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، 100 مودىن كۆپرەك يەرگە نېلۇپەر تېرىدى. ئاشخانا، ياغاچ ئۆي، كۆل ۋە كېمە ياساپ، ئارامگاھنى قاتنىشى قولايلىق، مەنزىرىسى گۈزەل، نېلۇپەردىن ھۇزۇرلىنىش، بېلىق تۇتۇش، كېمە ھەيدەش، چېنىقىش، يېمەك – ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيە باغچىسىغا ئايلاندۇرغان.

نېلۇپەر ئارامگاھىدا نېلۇپەر كۆلچىكىدىن ئۈچى بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 100 مودىن ئاشىدۇ. ھەر يىلى 6 – ئايدىن 9 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە نېلۇپەرلەر چېچەكلەپ، ئارامگاھنىڭ مەنزىرىسى باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ.

نېلۇپەرنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، سۇ ئاستىدىكى نېلۇپەرلەر قىممەت يارىتىدىغان بايلىققا ئايلىنىدۇ.

نېلۇپەر ئېكولوگىيە ئارامگاھى 2012 – يىلى دۆلەت تەرىپىدىن 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏