چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خانخورا تېغى كورلىنىڭ باشئەگىم تاغلىرى بىلەن تۇتىشىپ كېتىدۇ. خانخورا تېغى ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ كۆپىلىكى، تاغ سۇلىرىنىڭ شارقىراپ ئېقىپ تۇرۇشى بىلەن تولىمۇ گۈزەل.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :خانخورا سەيلىگاھى

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش 

قارا شەھەر ناھىيەسى شىكشىن بازىرىنىڭ غەربىدە بۇلاق، جىلغا، قەدىمىي قەبرە – ئىزنالارنى باغرىغا ئېلىپ ياتقان خانخورا دېگەن بىر تاغ بار. بۇ تاغنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. ناھىيەدىكىلەر مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ، بۇ تاغدىكى قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ 2700 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن.

خانخورا تېغى كورلىنىڭ باشئەگىم تاغلىرى بىلەن تۇتىشىپ كېتىدۇ. شىكشىن مىڭ ئۆي خارابىسىدا 1000دىن ئارتۇق راھىپخانا بار. بۇ راھىبخانىلارمۇ مىڭ ئۆي دەپ ئاتالغان. خانخورا تېغى ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ كۆپىلىكى، تاغ سۇلىرىنىڭ شارقىراپ ئېقىپ تۇرۇشى بىلەن تولىمۇ گۈزەل. نۆۋەتتە ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ، خانخورا تېغىنى ‹‹قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزناسىدىكى مەدەنىيەت باغچىسى›› قىلىغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏