چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش PK كومىدىيىلىك فىلىم بولۇپ ، راجكۇمار ھىرانى رېژىسورلىقىدا ، ئامىرخان ۋە ئانۇشكا شارمانىڭ ھەمكارلىشىشىدا ئىشلەنگەن فىلىم. بۇ فىلىمدا تاشقى پىلانت ئادىمى PK نىڭ يەر شارىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا دىن توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە كېيىنكى بىر تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى بايان قىلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :پ ك

باش رولچى :ئامىرخان ، ئانۇشكا شارما

خەنزۇچە نامى :我的个神啊

تۈرى :كومىدىيەلىك فىلىم

باشقا نامى :PK - تاشقى پلانىتلىق ئەپەندى \ پ ك\PKئەپەندىم \ PK ماشىنا ئادەم

ئۇزۇنلىقى :153مىنۇت

ئىشلەنگەن ۋاقتى :2014-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى(ھىندىستان);2015-يىلى5-ئاينىڭ 22-كۈنى(جۇڭگو)

قويۇلغان ۋاقتى :2014-يىلى

ئىشلىگەن شىركەت :Vinod Chopra Productions,Rajkumar Hirani Films

imdbكودى :tt2338151

ئىشلەنگەن ئورۇن :ھىندىستان

دىئالوگ تىلى :ھىندىچە،ئىنگىلىزچە؛ئۇيغۇرچە(تەرجىمە) ؛خەنزۇچە(تەرجىمە)

رېژىسسور :راجكۇمار ھىرانى

سېنارىست :راجكۇمار ھىرانى،ئابخىجىت جوشى( Abhijit Joshi)

فىلىم ئىشلىگۈچى :راجكۇمار ھىرانى،Vidhu Vinod Chopra

مەزمۇن چۈشەندۈرۈش

4پارچەپ كئامىرخان تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشاپ قالىدىغان يەرشارىغا تاشقى پىلانت ئادىمى بولۇپ ئۇ يەرشارىغا تەتقىقات مەقسىتىدە كېلىدۇ. لېكىن ئۇ ھىندىستان راجاستانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ تىزگىنىكىنى كىشىلەر ئوغرىلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز پىلانتىغا قايتالماي شۇ ئەسۋابنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ كىيىم كىيىشنى، سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ ۋە دوست تۇتىدۇ. كېيىن ئۇ دېھلىغا ئەسۋابىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كېلىدۇ، لېكىن بۇ چوڭ شەھەردە ھەرخىل كىشىلەر، ھەرخىل دىنلار ئارىسىدا قايمۇقۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە كىشىلەر ئۇنى PK دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ.ئۇ بۇ جەرياندا ئىنسانلار ئارىسىدىكى خۇشاللىقلارنى ۋە غەم قايغۇلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ شۇنداقلا "دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدارى" بار دىنىدارلارنىڭ ساختىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ئۇ  مۇخبىر قىزچاق جاگۇنى ئۇچۇرتىدۇ جاگۇ PKنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ جەرياندا PKجاگۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلالمايدۇ.......  

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏