چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئارپا بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان دېنى. ئەسلى ئۆسۈملۈكى(Hordeum Vulgarul) بولۇپ60–100 سانتىمېتىر كېلىدۇ

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

دورا نامى :ئارپا

خەنزۇچە نامى :大麦

پارسچە نامى :جەۋ

ئەرەبچە نامى :شەئىر

ئېنگىلىزچە نامى :Barley Fruit

لاتىنچە نامى :Fructus Hordei Vuigaris

چۈشەندۈرىشى

2پارچەئارپائارپا بولسا  ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان دېنى. ئەسلى ئۆسۈملۈكى(Hordeum Vulgarul) بولۇپ60–100 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۇراقسىز تەمى تاتلىقراق كېلىدۇ. سېرىق رەڭلىك، غولى تىك، سىلىق، تۈكسىز، يوپۇرماق غىلىپىمۇ تۈكسىز بولىدۇ. باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 9 – ئايدا پىشقاندا يىغىۋېلىپ ئىشلىتىلىدۇ.  مەملىكىتىمىز جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

 قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، ياللۇغ ئىششىق قايتۇرۇش، قورۇش، تۇتۇش،چىراينى پارقىرىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

تەبىئىتى

 بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئى خىلىتلارنى تەڭشىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

قورساقنى ئېسىدۇ. سوغۇقچان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئارپا قايناتمىسى ئاشقازان، سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى يەڭگىل دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. ئاشقازان ئاقسىل فىرمىنتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنىمۇ يەڭگىل دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. لېكىن كراخمال فىرمىنتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا نىسبەتەن تەسىرى يوق.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏