چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لاتىن تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستېمىسىنىڭ ئىتالىيە تىل تارمىقىغا كىرىدىغان تىل بولۇپ ئىتالىيە رايونىغا تارقالغان،ھەمدە ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن .خرىستىئان دىنى يارۋوپاغا تارقالغاندىن كىيىن لاتىن تىلىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ زورايغان .ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پوپلار ۋە خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىلى بولۇپ قالغان ،پەننى ماقالىلەرنى مۇشۇ تىلدا يازغان .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە :لاتىن تىلى

خەنزۇچە :拉丁语

ئىنگىلىسچە :Lingua Latīna

ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر :رومىنىيە،ئىتالىيە..

تۈرى :لاتىن تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستېمىسىنىڭ ئىتالىيە تىل تارمىقىغا كىرىدىغان تىل

لاتىن تىلى

لاتىن تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستېمىسىنىڭ ئىتالىيە تىل تارمىقىغا كىرىدىغان تىل بولۇپ ،ئەسلىدە ئىتالىيىنىڭ Latium رايونىدىكى(ئىتالىيەلىكلەرLazioدەپ ئاتايدۇ)كىشىلەرنىڭ بىرخىل دىئالېكتى ئىدى.مۇشۇ رايوندا رېم ئىمپېرىيىسى تەرەققى قىلىپ زورايغانلقتىن بۇ دىئالېكت پۈتۈم ئىتالىيە رايونىغا تارقالغان،ھەمدە ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن .خرىستىئان دىنى يارۋوپاغا تارقالغاندىن كىيىن لاتىن تىلىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ زورايغان .ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پوپلار ۋە خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىلى بولۇپ قالغان ،پەننى ماقالىلەرنى مۇشۇ تىلدا يازغان .دۇنيادا ھازىر بۇ تىلنى ۋاتكاندىن ئىبارەت بىر دۆلەتلا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ ،ئىلىن-پەن ئاتالغۇلىرى ،ئىلمى ماقالىلەر ،جانلىقلارنىڭ ئىلمى نامى ....قاتارلىق ساھەلەردە يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.

لاتىن تىلى ئۇنۋېرسال تىپتىكى تىل بولۇپ،سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ تىل گىرامماتېكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ .ئىشلەتكەندە ئومۇمەن سۆزگە مەلۇم سۆز ئارقا قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ ياكى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق ياكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزگەرتىلىپ ئىشلىتىلىدۇ .

لاتىن يېزىقى ۋە لاتىن تىلى دۇنياۋى تىل ۋە يېزىق.ھازىرقى تىببى ئىلمىدىمۇ مۇھىم قۇرال ھېسابلىنىدۇ .تىببى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن لاتىن يېزىقى قوللىنىلىدۇ.دۇنيا تىلمۇ لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏