چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئالماس بىر خىل تەبئىي مىنرال ماددا بولۇپ، بىرىليانتنىڭ دەسلەپكى ھالىتى. ئالماس چوڭقۇر يەر ئاستىدا يوقىرى بېسىم، يوقىرى تېمپراتورا ھالىتىدە شەكىللەنگەن كاربون ئېلمىنتىدىن تەركىپ تاپقان يەككە ماددا ھالىتىدىكى كىرىستال جىسىم.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە :ئالماس

خەنزۇچە :钻石

ئىنگىلىسچە :Diamond

تۈرى :تەبىئى بايلىق

قاتتىقلىق دەرىجىسى :10

خىمىيىۋى تەركىبى :99.98% كاربون ئېلىمىنتى

نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسى :2.417

دىسپىرسىيە قىممىتى :0.044

چىقىدىغان جاي :ئاۋستىرالىيە، بوسىۋانا، كانادا، زىمبابۇۋى، نامبىيە، جەنۇبى ئافرىقا

ماسسا بىرلىكى :كارات،بىر كارات 200 مىللىگىرام

ئالماس ھەققىدە

3پارچەئالماسئالماس بىر خىل تەبئىي مىنرال ماددا بولۇپ، بىرىليانتنىڭ دەسلەپكى ھالىتى. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئالماس چوڭقۇر يەر ئاستىدا يوقىرى بېسىم، يوقىرى تېمپراتورا ھالىتىدە شەكىللەنگەن كاربون ئېلمىنتىدىن تەركىپ تاپقان يەككە ماددا ھالىتىدىكى كىرىستال جىسىم. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە گەرچە نەچچە مىڭ يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئالماسنى ھەقىقى تۈردە بايقاپ ئىشلەتكىنىگە پەقەت نەچچە يۈز يىللا بولدى، ئالماسنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى بىلگەن ۋاقىت تېخىمۇ قىسقا. ئۇزاقتىن بېرى ئۇ توغرىسىدا ئەپسانە-رىۋايەتلەرمۇ تارقالدى، ئۇ باتۇرلۇقنىڭ، ھوقۇقنىڭ، مەرتىۋىنىڭ ۋە ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلدى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئالماس ھەرگىزمۇ سىرلىق ئەمەس ، ئىلگىرى پەقەت پادىشاھ-ئېسىل ئاقسۆڭەكلەرلا بەھرىمەن بولالىغان بولسا ، ھازىر ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ بەھرىمەن بولالايدۇ، ئالماستىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىيالايدۇ. ھازىر كىشىلەر كۆپرەك ئۇنى مۇھەببەتنىڭ ۋە ساداقەتنىڭ سىمۋولى قاتارىدا كۆرىدىغان بولدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏